تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە ئىشلەمچىلەردىن تەشكىللەنگەن ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىللىق باھار ئاپتىپىدا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ۋېي ۋېي ۋە خىزمەتداشلىرى ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كەلدى، «ھازىر يۇقۇم تۇراقلاشتى، بوغدا كۆلىگە كېلىپ ئايلىنىپ، بېسىمىمىز يەڭگىللەپ قالدى، مەنزىرە رايونى ۋە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ بىز تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت.» دېدى ئۇ.

شۇ كۈنى، سانجى ئوبلاستى «بىر نىيەتتە  ھەمسەپەر  شىنجاڭغا مۇھەببەت» ئاممىۋى مەنپەئەت ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلىدى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى سانجى ئوبلاستىدىكى تېببىي خىزمەتچىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىن سانجىغا كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 350 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، بۇ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ساياھەت ئۆمىكى ھېسابلىنىدۇ.

ھاۋاسى ساپ بولغان بوغدا كۆلى ساياھەتچىلەرنى بۇ جايغا كېلىپ قۇياش نۇرى ۋە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

ۋېي ۋېي مۇنداق دېدى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، دوختۇرخانا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دەم ئېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى تەشكىللىگەن سانجىنى ھەقسىز ساياھەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى، ئورۇنلاشتۇرغان جاي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سانائەت رايونى ۋە شىنجاڭ تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى. «بۈگۈن دەل مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈم، ئايالىم ۋە قىزىمنى ئېلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتىم، تاغقا يامىشىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ،  ھارغىنلىقىم بوشىدى» دېدى ئۇ.

سانجى ئوبلاستلىق جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئاممىۋى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى خەن زىشىنمۇ ئاپىسى ياڭ يۈپىڭنى ئېلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. «بۈگۈن بوغدا كۆلىنى ساياھەت قىلدۇق، كەيپىياتىمىز ناھايىتى ياخشى، كۆپچىلىكنىڭ تېببىي خادىملارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇق.» دېدى ياڭ يۈپىڭ.

لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى چوڭقۇر ئۆستەڭ كەنتىدىن كەلگەن مەمەت ئابدۇللا شىنجاڭ زىرۇي ئاليۇمىنچىلىق شىركىتىگە كىرىپ، خىزمەتكە چۈشۈش بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق سانائەت ئىشچىسى بولدى. شىركەت ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرىنى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىدى. «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بوغدا كۆلىگە كېلىشىم، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن، كېيىن ئاتا-ئانام بىلەن بىللە بوغدا كۆلىنى ساياھەت قىلىمەن.» دېدى مەمەت.

ھازىر، سانجى ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىۋېتىلىپ، بىر قىسىم ساياھەت كوپىراتىپلىرى سانجى ئوبلاستى تەۋەسىدە بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى، ئىككى كۈنلۈك ساياھەت پائالىيىتىگە ھازىرچە خېرىدار قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، سانجى ئوبلاستىمۇ بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت كارخانىلىرىغا مۇكاپات ۋە تولۇقلىما بېرىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق ساياھەت بازىرىنى ياخشى باشلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ساياھەت+مەدەنىيەت» «ساياھەت+ئىستىراھەت» «ساياھەت+يېڭى كەسىپ ھالىتى» قاتارلىقلار سانجى ئوبلاستىنىڭ ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكىگە تېز سۈرئەتتە كۈچ توپلاۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى