تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئالاھىدە ئۆتكۈزۈلدى

 G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا ئىش ئەسلىگە كەلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ياڭ بىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جىڭ لىجۈن، چېن جيەنفېي خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى(قىسقارتىلىپ بايىنغولىن ئوبلاستى دېيىلدى)، قومۇل شەھىرىدىن ئىبارەت ئۈچ جاي نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاش بويىچە ئالاھىدە بىر مەيدان مۇراسىمنى تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا ئىش ئەسلىگە كەلدى.

  شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى شىنجاڭ ئىچى G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر تېز سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى، G315 لىنىيەسىنىڭ يېتىمبۇلاق-چاقىلىق تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى، G575 لىنىيەسىنىڭ باركۆل-قومۇل تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى تەشكىللەپ، سىن ئارقىلىق 2020-يىللىق قىسمەن نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

 G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا ئىش ئەسلىگە كەلدى.

  ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.11 كىلومېتىر كېلىدىغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلى G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونىلى ھېسابلىنىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئالتە يىل. تونېلغا «ئۈچ ئۆڭكۈر+تۆت تىك قۇدۇق» لايىھىسى قوللىنىلغان بولۇپ، تونېلنىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى 1112.6 مېتىر، گېئولوگىيەلىك يەر شارائىتى مۇرەككەپ، تاغ جىنسلىرى پارتلاش، تۇيۇقسىز سۇ ئېتىلىپ چىقىش، يۇقىرى يەر كۈچىنىشى، قورشىما جىنس چوڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ناچار گېئولوگىيەلىك يەر شارائىتى مەۋجۇت بولۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى، شۇنداقلا كونترول قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە، بارلىق ماتېرىياللار مۇلازىمەت تونېلى ئارقىلىق توشۇلىدىغان بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنى تەشكىللەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى. 

    جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى-لوپنۇر تاشيولىنى ھۆددىگە بېرىش PPP تۈرى 2020-يىللىق سۈرئەت پىلانىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، تىيانشان غالىبىيەت تونېلى قۇرۇلۇشى جەريانىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا تەڭشەپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى