تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ℃5 تۆۋەنلىدى، ئۈرۈمچىدە بۈگۈن كېچە يامغۇر ياغىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن): ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى سەككىز بال ئەتراپىدا بولۇپ، تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن كۈندۈزدە ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، كېچىدە يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5 بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ.

  بۈگۈن سەككىز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3015 لىنىيەسى دۆربىلجىن-تيېچاڭگۇ بۆلىكى، S201 لىنىيەسى مايتاس شامال رايونى، S221 تولى كونا شامال ئېغىزى، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي قار-شىۋىرغانلىق شامال رايونى بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قاراماي-ئورقۇ بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قاراماي-ئورقۇ بۆلىكى، G312، G30 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭ-داخىيەن بۆلىكى، چىقتىم -لياۋدۇن بۆلەكلىرى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى