تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھەپتىدە بىر قېتىم ئازراق لازا يەپ بەرسە، قان تومۇرنى قوغدىغىلى بولىدۇ

  يېڭى لازىنىڭ ئالتە خىل رولى بار

  «يېڭى لازا تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە B تۈردىكى ۋىتامىن، كاروتىن، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تولۇقلايدۇ. بۇ لازا يېيىشنىڭ نورمال كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى سەۋەبىدۇر.» جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى 8-تېببىي مەركىزى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى زو شياۋشيا مۇنداق دېدى: ھازىر بار بولغان كىتاب ۋە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لازا ۋە لازا ماددىسى ئادەم بەدىنىگە ناھايىتى پايدىلىق ئىكەن:

  1. ئۈچەي يولى ياللۇغىنى تىزگىنلەيدۇ. لازا تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ لازا ماددىسى ئۈچەي يولى مىكرو ئورگانىزملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئۈچەي يولى ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىشىنى تىزگىنلەيدۇ؛ 2. يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ. لازا ماددىسى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى كېچىكتۈرىدۇ. لازا ماددىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئارىلىشىشى ئىچكى تېرىگە تايىنىدىغان قان تومۇرنىڭ كېڭىيىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدۇ، بۇ، لازا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، لازا خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، خەتەرلىك قان ئۇيۇش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن. 3. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. يېڭى لازا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، تېرىگىمۇ بەلگىلىك پايدىسى بار. 4. ئورۇقلاشقا ياردىمى بار. لازا ماددىسى ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 5. راكقا قارشى تۇرىدۇ. 2016-يىلى «سۈت بېزى راكى: نىشان ۋە داۋالاش» ژۇرنىلىدا دېيىلىشىچە، لازا ماددىسى سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدىكەن. 2017-يىلى ئامېرىكا كوننېكتىكات شتاتلىق داشۆنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئازراق لازا يەپ بەرسە ئۈچەي يولى ئۆسمىنى توسۇپ، بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. 2019-يىلى، ئامېرىكا مارشال داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلار لازا ماددىسىنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى توسۇش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. 6. مىكروب ئۆلتۈرۈپ، ئاغرىق توختىتىدۇ. لازىنىڭ يەنە نۇرغۇن دورىلىق رولى بار، مەسىلەن، ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى توختىتىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئۈششۈك يارىسىنى داۋالاش ۋە ھۆللۈكنى ھەيدەش قاتارلىقلار بولۇپ، كىلىنىكىدىكى بەزى ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى لازا ماددىسىدۇر.

  تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لازىنى قانچە كۆپ يېسە، قوغداش رولى شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرت بەدەن بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەككەن. ئۇنىڭدىن باشقا، لازا يېيىشنىڭ قوغداش رولى ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى خەۋپ-خەتىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دائىم تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغانلار لازىنى كۆپ يېيىش ئارقىلىق خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىشقا بولمايدۇ. يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك: 1. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولۇش، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش. 2. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دورىنى توختاتماسلىق ۋە ئازايتماسلىق كېرەك. 3. قان بېسىمى، قان شېكىرى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى ياخشى كونترول قىلىش. 4. ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش.

  بەزى كىشىلەر لازا يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ. زو شياۋشيا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: بوۋاسىر، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، كۆز قىزىرىش كېسىلى، قالقانسىمان بەز فۇنكىسىيەسى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلى، ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار ھەمدە ھامىلىدار، يۈزىدە دانىخورەك بارلار ۋە لازىغا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر لازىنى كۆپ يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ.  (مۇخبىر جاڭ جيەن)

                                                            خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى