تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ

بۇلتۇر ئېلېكتىرونلۇق سودىدا 97 مىڭ 400 ئادەم قېتىم نامرات نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئوبوروت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - بازارلارنىڭ سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 47 ناھىيەنىڭ ئاممىۋى سۈپەتلىك ماركا، نۇقتىلىق سۈپەتلىك ماركا يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا - كەنتلەردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى پونكىت - نۇقتىلىرىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىپ، نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

«ھازىر توردا زاكاز بىرقەدەر كۆپ، يۇرتىمىزنىڭ يېيىشلىك بارىن گۈلىسى ۋە باشقا خاس قۇرۇق مېۋىلىرى بارغانسېرى كۆپ خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، سېتىلىش ئەھۋالى يامان ئەمەس.» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى قوغۇنچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتئىمىن ئەمەت تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كىرىمىم ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، ئىلگىرى بۇنى ئويلاشقىمۇ زادىلا جۈرئەت قىلالمايتتىم، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ تۈرتكىسىدە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدىم».

ئاقتۇ ناھىيەلىك سودا ئىشلىرى، پەن - تېخنىكا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ساۋ يۇڭچى مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش» ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 67 يېزا - كەنت ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى پونكىت - نۇقتىسى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات كەنت مۇلازىمەت پونكىتىدىن 35ى، نامرات ئاھالە پونكىت باشلىقى بولغان مۇلازىمەت پونكىتىدىن 25ى بار بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى جەمئىي 362 يېزا (بازار)، كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى پونكىت - نۇقتىسى قۇرغان، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يەتتە ئېغىر نامرات ناھىيەنى قاپلىغان، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 97 مىڭ 400 ئادەم قېتىم نامرات نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلغان بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ 83 مىليون 80 مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلاتىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنىڭ 17 مىليون 230 مىڭ يۈەن ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى يەنە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) نامرات رايونلارنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەتلىك ماركىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يەرمەنكىسى ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تىيانشان سەپىرى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 300گە يېقىن سېتىۋېلىش سودىگىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىشقا تەشكىللەپ، 630 مىڭ توننىغا يېقىن تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى