تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇل تارقىتىلىدۇ

ئاپتونوم رايون «پىكىر» ئېلان قىلدى

يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇل تارقىتىلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى «ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاز سوممىلىق كىرېدىت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنغان. «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن تەۋەلىكىدىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە بەلگىلىك مۇددەتتىكى ئاز سوممىلىق رەنىسىز، كېپىلسىز قەرز پۇل تارقىتىپ بېرىلىدۇ، مالىيەدىن ئۆسۈمىنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ بېرىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەردىن قەرز ئېلىش ئارزۇسى بار، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت شارائىتى ۋە مۇناسىپ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بولغانلار، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، سەمىمىي، لەۋزىدە تۇرىدىغان، قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغانلار بىردەك ئاز سوممىلىق كىرېدىت سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. يەككە سودا - سانائەتچىلەر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا بىر قېتىملىق ئاز سوممىلىق كىرېدىت ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قەرز پۇل سوممىسى 80 مىڭ يۈەن ئىچىدە، قەرز پۇل مۇددىتى ئالتە ئاي بولىدۇ، يولغا قويۇش مۇددىتى 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە بولىدۇ. قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى شۇ مەزگىلدىكى بانكا قەرز پۇلىنىڭ بازاردىكى مەلۇم قىلىنغان باھا ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەت مالىيەسى ئۆسۈمنىڭ %50ىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: قەرز پۇل يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتكە ئىشلىتىلىدىغان خام ماتېرىيال، ئۈسكۈنە، تاۋارلارنى سېتىۋېلىش، خادىملارنىڭ مائاشى، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت سورۇنىنىڭ ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توك ھەققى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك چىقىملارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۆي سېتىۋېلىش، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، ئائىلە بۇيۇملىرى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتتىن باشقا چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئاز سوممىلىق كىرېدىتىدە مەھەللە، ناھىيە (شەھەر، رايون)دىن ئىبارەت «ئىككى دەرىجىلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈش» تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەھەللىلەردە ئايرىم - ئايرىم ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە قەرز بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئاز سوممىلىق كىرېدىت خىزمىتى ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، تەۋەلىكىدىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئاز سوممىلىق كىرېدىت ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە قەرز بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مەخسۇس بېجىرىدۇ. ئاز سوممىلىق كىرېدىتكە ئېھتىياجى بار يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئورنى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى خىزمەت ئىشخانىسىغا قەرز پۇل ئېلىش ئىلتىماسى سۇنىدۇ، قەرزنى قەرەلىدە قايتۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق ۋەدە بېرىدۇ.

يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئۈستىگە ئالغان قەرز پۇل ئۆسۈمىنىڭ %50ىنى قەرز بەرگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا پەسىل بويىچە تاپشۇرىدۇ؛ ھۆكۈمەت مالىيەسى ئۈستىگە ئالغان %50 ئۆسۈم ياردىمى مەبلىغىنى ئاپتونوم رايون مالىيەسى خامچوت ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيە (شەھەر، رايون) مالىيە تارماقلىرىغا پەسىل بويىچە ئاجرىتىپ بېرىدۇ، ناھىيە (شەھەر، رايون) مالىيە تارماقلىرى قەرز بەرگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا پەسىل بويىچە ئاجرىتىپ بېرىدۇ. قەرز پۇل مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مەھەللىلەردىكى خىزمەت ئىشخانىلىرى قەرز بەرگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە قەرز پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. ھەقىقەتەن يەڭگىلى بولمايدىغان ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئاز سوممىلىق كىرېدىت زىيىنىنى، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن قەرز بەرگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك خەلق ھۆكۈمىتى %80، قەرز بەرگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى %20 نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تيەن دى مۇنداق بىلدۈردى: يەككە سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى ساقلايدىغان «قىلدام قان تومۇر»، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاز سوممىلىق كىرېدىت سىياسىتى مەخسۇس يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئۈچۈن «ئۆلچەپ بېكىتىلگەن» بولۇپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى