3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋېڭجياشەن كەنتىدىكى چايزارلىقتىن بىر كۆرۈنۈش.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى شىخۇ كۆلى لۇڭجىڭ چېيى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدىكى ۋېڭجياشەن كەنتىدە، قىسمەن چايچى دېھقانلار شىخۇ كۆلى لۇڭجىڭ چېيىنى ئۈزمەكتە. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئەتىيازلىق چاي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 13 مىڭ توننىغا يېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە شىخۇ كۆلى لۇڭجىڭ چېيى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 550 توننىغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خەن چۈەنخاۋ فوتوسى
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋېڭجياشەن كەنتىدىكى چايچى دېھقانلار ئەمدىلا قورۇغان چاي يوپۇرمىقىنى كۆرسەتمەكتە.
3-ئاينىڭ 15-كۈنى، ۋېڭجياشەن كەنتىدىكى چايچى دېھقانلار چايزارلىقتا چاي ئۈزمەكتە.