تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قار تېيىلىش مەيدانىدا ساياھەتچىلەر كۆپەيدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ھەپتە ئاخىرىدا، قار تېيىلغىلى كەلگەنلەر 4000دىن ئېشىپ كەتتى، قار تېيىلىش بازىرى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، بۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. »

  3-ئاينىڭ 14-،15-كۈنى شىنجاڭدىكى بىر نەچچە چوڭ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار يولىدا بەس-بەستە ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى.

  ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا، ھەپتە ئاخىرىدىكى قار تېيىلغۇچىلار خىزمەت ۋاقتىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولۇپ، بىر كۈندە مىڭغا يېقىن ئادەم كۈتۈۋېلىندى. شىنجاڭ ئالتاي ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ئالتاي شەھىرى ئالتاي تېغى ساياھەت چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شى جىچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « ھەپتە ئاخىرىدا قار تېيىلغۇچىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل يۇقىرى بولدى. »

  3-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 20دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىر جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەيداننى بىۋاسىتە كۆرسىتىش بېتىدىن قار تېيىلغۇچىلارنىڭ چىراغلار چاقناپ تۇرغان قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دىرېكتورى لياڭ جىڭ: « بىزنىڭ كېچىلىك مەيدان ۋاقتىمىز سائەت 20دىن 23كىچە بولۇپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، خىزمەتچىلەردىن باشقا نۇرغۇن بالىلارمۇ كېچىلىك مەيدانغا كېلىپ قار تېيىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا كېچىلىك مەيدانغا كېلىدىغانلار ئادەتتىكىدىن كۆپ بولىدۇ » دېدى.

  3-ئاينىڭ 16-كۈنى، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا مۇنۇلار ئېلان قىلىندى: بۈگۈندىن باشلاپ، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدۇ، مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار پەسلى ئاخىرلاشقىچە ھەقسىز قار تېيىلسا بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا يېرىم كۈن بولمايلا كۆرۈلۈشى 13 مىڭ قېتىمغا يەتكەن. لياڭ جىڭ مۇنداق دېدى: « يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايوندىكى ساياھەتچىلەر، يېقىنقى 14 كۈندە چەت ئەلدە تۇرۇش تارىخى بارلارنىڭ ئالدىن كېلىشىشىگە بولمايدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان ساياھەتچىلەر ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ راۋان يۈرۈش يېشىل كودىنى ئېلىپ قار تېيىلىشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. قار تېيىلغۇچىلار ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا تىزىملىتىپ، ھەمكارلىق ئورناتقان مېھمانساراينىڭ ياتاق ئىسپاتىغا ئاساسەن، بۇ قېتىملىق قار پەسلى ئاخىرلاشقىچە ھەقسىز قار تېيىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ساياھەتچىلەر ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا تىزىملىتىپ، ئۆزىنىڭ كىملىكى بىلەن بۇ قېتىملىق قار پەسلى ئاخىرلاشقىچە ھەقسىز قار تېيىلىش، ئاسما ۋاگون ئارقىلىق ساياھەت قىلىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. قار تېيىلغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە. »

  كەلگۈسىدىكى بازارغا قارىتا، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ئورتاق قاراش بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق قار تېيىلىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەتىيازلىق شىنجاڭ ئايروپىلان بېلىتى، مېھمانساراي قاتارلىقلاردا باھادا ئېتىبار بېرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق قار تېيىلىش ئەۋزەللىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىپ، «شىنجاڭ، جۇڭگونىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى قار تېيىلىش رايونى» دېگەن نامنى ياڭرىتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى