تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا شەھىرى: پارنىكلارغا «بەخت گۈلى» تېرىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ خوۋيۈن خەۋىرى): «ئائىلىمىزدىكى بەش جاننىڭ ئاران بەش مو يېرى بار، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئىككى يىل ئىلگىرى ماڭا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ بەرگەن، بۇلتۇر مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، گۈللەرنى ساتالماي قالدىم.» 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرىنىڭ ئاقتۇر كەنتىدىكى دېھقان نۇر مەمەت پارنىكتا ئېچىلغان ئەتىرگۈللەرگە قاراپ قايغۇرۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  نۇر مەمەتنىڭ ئۆيىدىكى بەش پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ھەر خىل گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، پارنىكنىڭ ئىچى ھاياتىي كۈچكە تولدى. لېكىن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئېچىلغان گۈللەرنى ۋاقتىدا سېتىشقا ئامال بولماي، ئۇ تىت-تىت بولدى. كۇچا شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نۇر مەمەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال بارلىق ئەزالارنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە گۈل سېتىش ئۇچۇرىنى تارقىتىشقا سەپەرۋەر قىلدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى ئابلىكىم ھىمىت كېچىلەپ تېلېفون قىلىپ، ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەرگە گۈللەرنى سېتىپ بەردى.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، خىزمەت ئەترىتى نۇر مەمەتنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تۇنجى پارنىكنى سېلىپ، نۇرغۇن گۈل سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ بەردى، لېكىن تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق، گۈل ئۆستۈرۈش ماھارىتىگە پىششىق بولماسلىق سەۋەبىدىن، پارنىكتىكى گۈللەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قۇرۇپ قالدى، خىزمەت ئەترىتى ناھىيەدىكى گۈل-گىياھ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننى گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى.

  گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش، ئۈندىداردا سوراپ ئۆگىنىش ئارقىلىق نۇر مەمەتنىڭ گۈل-گىياھلىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشى ئۆستى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۇنىڭغا خېرىدار ئۇقۇشۇپ بېرىپ، شەھەر ئىچىدىكى گۈل-گىياھ سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ گۈل سېتىشىپ بېرىپ، بۇلتۇر ئۇنىڭ 20 نەچچە مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىر، نۇر مەمەتنىڭ پارنىكى بىردىن بەشكە كۆپەيدى، يىللىق كىرىمى 70-80 مىڭ يۈەنگە يەتتى. پارنىكىدا ئېچىلغان گۈللەرنى كۆرگىنىدە، نۇر مەمەتنىڭ چىرايىمۇ گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.

  «مەن ھېسابلاپ باقتىم، بۇ بىر تۈركۈم گۈلنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ئاز بولغاندىمۇ 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇلتۇر تاپقان پۇل بىلەن ئۆيگە توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىق ھەر خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالدىم، بۇ يىل كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىمەن.» نۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «يېقىندا، خىزمەت ئەترىتى ماڭا توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئېچىپ بەردى، مېنىڭمۇ 200دىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىم بار بولدى، يەنە بەزىلەر مەن بىلەن سېتىش توختىمى تۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى