تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ياشلىق باھارىڭلار بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇڭلار

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ بېيجىڭ داشۆنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى بارلىق «90- يىللاردا تۇغۇلغان» پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلھاملاندۇردى

ياشلىق باھارىڭلار بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇڭلار

جاۋاب خەت

بېيجىڭ داشۆنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش - داۋالاش ئەترىتىدىكى بارلىق «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» پارتىيە ئەزالىرىغا:

يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، سىلەر ياشلار بىرىنچى سەپتە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ياشلىق باھارىڭلارنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى نامايان قىلىپ، لاياقەتلىك ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇردۇڭلار. كەڭ ياشلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ياراملىق ئىكەنلىكىنى، چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى! مەن سىلەرگە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەرقايسى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ ياشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. سىلەرنىڭ تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىرادە - پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا خىزمەت قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئىش ئورنىدا داۋاملىق جان تىكىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، كەڭ ياشلارنى بوران - چاپقۇندىن قورقماي، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، ياشلىق باھارىڭلار بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭ داشۆنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش - داۋالاش ئەترىتىدىكى بارلىق «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» پارتىيە ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارغا ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەرقايسى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ ياشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە، سىلەر ياشلار بىرىنچى سەپتە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ياشلىق باھارىڭلارنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى نامايان قىلىپ، لاياقەتلىك ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇردۇڭلار. كەڭ ياشلار ئۆز ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ياراملىق ئىكەنلىكىنى، چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. سىلەرنىڭ تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىرادە - پەزىلىتىڭلارنى تاۋلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا خىزمەت قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئىش ئورنىدا داۋاملىق جان تىكىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، كەڭ ياشلارنى بوران - چاپقۇندىن قورقماي، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا يېتەكلەپ، ياشلىق باھارىڭلار بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا رەڭدار گۈللەرنى ئېچىلدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» ۋەكىللىكىدىكى بىر ئەۋلاد ياشلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. خۇبېيغا ياردەمگە بارغان 42 مىڭدىن كۆپرەك تېببىي خادىمنىڭ 12 مىڭدىن كۆپرەكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار»، ئۇنىڭ ئىچىدە خېلى بىر قىسمى «95 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار»، ھەتتا «2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار». يېقىندا، بېيجىڭ داشۆنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» 34 پارتىيە ئەزاسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى ھاياتلىقنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، پارتىيە ئەزاسىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.