تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يۈيې كەنتى: قۇملۇقتىكى قاتار-قاتار بېيىش پارنىكلىرى

 

     تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز سۈن يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىتىپ ئابلەت خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تاڭ يورۇماستىلا، مەمتىمىن ئاۋۇدۇن يېڭى ئۈزگەن شوخلىلارنى خوتەن شەھىرى بېيمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا ئاپىرىپ بەردى. ئالدىنقى كۈنى كۆكتات زاكاز قىلغان بىر نەچچە تىجارەتچى ئۇنى خېلى ئۇزۇن ساقلىدى.

  «ئالدىرىماڭلار، مەن سىلەرگە بۆلۈپ قاچىلاپ قويدۇم، مانا بۇ سىزنىڭ ئۈچ يەشىك شوخلىڭىز.» مەمتىمىن يەشىك-يەشىك شوخلىلارنى يايما ئورنىغا يۆتكىدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا، يۆتكەپ كېلىنگەن 500 كىلوگرام شوخلىنىڭ يېرىمى سېتىلىپ بولدى.

  مەمتىمىن ئەسلىدە خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى قوتاز مەھەللە كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، 2017-يىلى 8-ئايدا ئۇ يۈيې كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ، 70 نەچچە كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيتىش ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ھۆكۈمەت يەنە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئىككى كۆكتات پارنىكى تەقسىملەپ بەردى، ھەر بىر پارنىك 540 كىۋادرات مېتىر كېلەتتى.

  مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى خوتۇنۇم بىلەن ھەر تەرەپتە ئىشلەمچىلىك قىلاتتۇق، كىرىمىمىز مۇقىم ئەمەس ئىدى. ھازىر پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلساق يىللىق كىرىمىمىز 60 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. پارنىكتا يېڭى تېرىقچىلىق قىلغاندا، كۆڭلۈمدە سان يوق ئىدى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرىگەنىدىم. كېيىن كەنت تەكلىپ قىلغان تېخنىكلارنىڭ قولمۇقول يېتەكلىشىدە، مەن ئاستا-ئاستا تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، كىرىمىمنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدۇم».

  ھازىر،  مەمتىمىن ئۆزىنىڭ ئىككى پارنىكىدىكى كۆكتاتلارنى سېتىپلا قالماي، يەنە كەنتتىكى باشقا دېھقانلارنىڭ كۆكتاتلىرىنىمۇ سېتىۋېلىپ، توپ سېتىش بازىرىغا ئاپىرىپ ساتتى، ئۇنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى روناق تېپىپ كەتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن شەھىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى يۈيې كەنتى 2016-يىلى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «كۆچۈپ چىقالايدىغان» بولۇپلا قالماي يەنە «مۇقىم تۇرالايدىغان»، «بېيىيالايدىغان» ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى ھەمدە مەملىكەت بويىچە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، پارنىك تېرىقچىلىقى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس تېرىقچىلىق كەسپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىلدۈرۈپلا قالماي، ئەسلىدىكى قاقاس قۇملۇقنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

  ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 6-ئايغىچە يۈيې كەنتىنىڭ پارنىكتىكى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ساتىدىغان يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، پارنىكنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېھقانلارنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    ھازىر، كەنتتىكى 109 ئائىلىلىك ئىچىدىكى 106سى پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يۈيې كەنتىدە 340 كۆكتات پارنىكى، 80 باغۋەنچىلىك پارنىكى بار بولۇپ، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ تۈرى 50 خىلدىن ئاشىدۇ، 2019-يىلى كەنىتنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9704 يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى