تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلار ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ): 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىنوخانىلارنىڭ تىجارىتى ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلدى، قىسمەن ئاساسلىق كىنوخانىلار يەنە شىنجاڭدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش خادىملىرىغا قارىتا پۈتۈن يىل ھەقسىز كىنو كۆرۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  كىنوخانىلارنىڭ تىجارىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ يىل چاغاندا قويۇلمىغان كىنولار ئارقا-ئارقىدىن قويۇلىدۇ، لېكىن ھازىر ھەرقايسى فىلىم قويغۇچى تەرەپلەر فىلىم قويۇش ۋاقتىنى ئېنىق ئېلان قىلمىدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرگە بولغان ھۆرمىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كىنوخانىلار شىنجاڭدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش خادىملىرىغا قارىتا (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) پۈتۈن يىل ھەقسىز كىنو كۆرۈش، ۋاقىت چەكلەنمەسلىك، مەيدان چەكلەنمەسلىك، فىلىم چەكلەنمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويدى.

    3-ئاينىڭ 17-كۈنى تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن مېييا كىنوخانىسى(美亚影城) دىرېكتورىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كىنوخانا قارىمىقىدىكى ئۈرۈمچى مېييا داگۇاڭمىڭ خەلقئارا كىنو شەھەرچىسى، مېييا جۈمۇ كىنوخانىسى قاتارلىق تۆت كىنوخانىدا تىجارەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئومۇمەن شىنجاڭدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش خادىملىرى ئالاقىدار كىنىشكىسىگە ئاساسەن بىر يىل ھەقسىز كىنو كۆرەلەيدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدىكى بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئىناۋەتلىك كىنىشكىسىگە ئاساسەن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ھەقسىز كىنو كۆرەلەيدىكەن.

  103 كىنوخانىسى(103电影公园)مۇ تىجارەت باشلىغان كۈندىن باشلاپ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە بارغان داۋالاش خادىملىرىغا قارىتا پۈتۈن يىللىق ھەقسىز كىنو كۆرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى