لەنمېي تەمى چۈچۈمەل، تاتلىق، ئېتى يۇمشاق، ئۆزگىچە مېۋە بولۇپ، «شىرنىلىك مېۋىلەر خانىشى» دەيدىغان گۈزەل نامى بار. نۇرغۇن كىشىلەر لەنمېينىڭ ئۈستىدىكى «ئاق مېۋە چېڭى»نى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىمۇ، نېمىشقا ئاسان يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ، دەپ قالىدۇ.
بۇ بىر قەۋەت مېۋە چېڭى مېۋە تالقىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ لەنمېينىڭ ئۆسۈش جەريانىدا تەبىئىي ئاجرىلىپ چىقىدىغان، ساخارىد تۈرىدىكى ماددا بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانسىز، يېيىشكە بولىدۇ. بۇ ماددىلار سۇدا ئېرىمەيدۇ، شۇڭا يۇيۇپ چىقىرىشمۇ تەس. مېۋە چېڭى لەنمېينىڭ سۇسىزلىنىشىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لەنمېي سىرتقى يۈزىنىڭ نەملىكى يۇقىرى بولغاچقا، باكتېرىيە ئاسان پەيدا بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر قەۋەت مېۋە چېڭى لەنمېينىڭ يېڭى ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، لەنمېي ئۈستىدىكى مېۋە چېڭىمۇ تەدرىجىي يوقايدۇ. ئادەتتە، لەنمېينىڭ سۈپىتى قانچە ياخشى بولسا، ئۈستىدىكى مېۋە چېڭىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇڭا لەنمېينىڭ ئىمكانقەدەر قېنىق بىنەپشە رەڭ ياكى كۆكۆچ سۆسۈن رەڭلىكىنى تاللاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، پوستى سىلىق، قولغا چاپلاشمايدىغان، چىڭراق، توق لەنمېيمۇ يېڭى بولىدۇ. سېتىۋالغان لەنمېينى سۇدا يۇيۇپ ياكى نەچچە مىنۇت تۇز سۈيىدە چىلاپ قويۇپ ئاندىن يېسە بولىدۇ. ئەگەر توڭلاتقۇغا سېلىپ سوغۇق ساقلاشقا توغرا كەلسە، قۇرۇتۇش كېرەك.
خەلق تورىدىن ئېلىندى