تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

CBAنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قايتا باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، CBA بىرلەشمە مۇسابىقە شىركىتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ھەرقايسى كوماندىلارنى يىغىپ تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ قايتا باشلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم مەزمۇننى يەتكۈزگەن. بۇ لايىھە نۆۋەتتە جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىگە سۇنۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان.

CBA شىركىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەر قايسى كوماندىلارغا بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئەڭ تېز بولغاندا 4-ئاينىڭ 2-كۈنى قايتا باشلاشقا ئائىت تۈرلۈك تەييارلىقنى ياخشى ئىشلەشنى ئۇقتۇرغانىدى، لېكىن كونكرېت ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلمىگەنىدى.

3-ئاينىڭ 16-كۈنى، بىرلەشمە مۇسابىقە شىركىتى يەنە بىر قېتىم كوماندىلارنى يىغىپ تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى كوماندىلارغا  بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ مۆلچەرىشىچە 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى، قايتا باشلانغان ھامان مۇسابىقە يىغىنى تۈزۈمى قوللىنىلىدىغانلىقىنى، بۇ CBA تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئىككى مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا نۆۋەتتە تېخى ئېنىق لايىھە بېكىتىلمىگەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى