تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش ئالدىدا قانداق تەييارلىقلارنى قىلىش كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئالدىن قانداق تەييارلىقلارنى قىلىشى كېرەك؟ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىر بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلارنى زىيارەت قىلدى.

  ھازىردىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلار مەكتەپنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى ۋە دەرس سېتكىسىدىن پايدىلىنىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش پىلانىغا ئاساسەن، بالىلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇش، ناشتا قىلىش، ئۆگىنىش قىلىش، چۈشلۈك تاماق، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋە كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلاردا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر بىرتەرەپ قىلىش، بالدۇر داۋالىتىش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دوختۇرى خې شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۆزى ياكى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، مەسىلەن، قىزىش، قۇرۇق يۆتەل، گال ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار ئالامەتلەرنى بايقىسا، دەل ۋاقتىدا مەھەللە كومىتېتى ۋە مەكتەپكە ئېيتىپ، دەرھال داۋالىتىشى كېرەك.

  ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، ئوقۇغۇچىلار چېنىقىشنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مى لياڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، سىرتتا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى مۇۋاپىق قانات يايدۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بېرىپ-كەلگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى، مۇداپىئە ئېڭىنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئارزىگۈل غۇجا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلار بالىلارغا مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش جەريانىدا «ماسكا تاقاش، توپلاشماسلىق، ئادەم كۆپ جايغا ئامال بار بارماسلىق» قاتارلىق بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى