تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى: 3-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 00:00دىن 24:00كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن كۆپەيمىدى، ئۇدا 27 كۈن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن كۆپەيمىدى.
3-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 24:00كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن جەمئىي 76نى دوكلات قىلدى، جەمئىي 73 ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۈچ ئادەم قازا قىلدى. نۆۋەتتە 44 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.