تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىش نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىش

ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي تۈر تۇتۇش، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلىدى، تۈرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى، تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، بۇ يىللىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 191 بولۇپ، شەھەر مەمۇرىيىتى، ئۆي - مۈلۈك ھەم كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، جەمئىيەت ئىشلىرى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق سەككىز ساھەگە چېتىلىدۇ، ئايروپورتنى كېڭەيتىپ قۇرۇش، شىنجاڭ داشۆ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى، خېماچۈەن يېڭى رايون شەھەر مەمۇرىيىتى يولى، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۇ يىللىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 167 بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، شەرقىي جۇڭغاردىكى ئالتە ئېلېكتىر ئىستانسىسى، فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شىما چوڭ كۆۋرۈكى ھەم تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى، تۇدۇڭخابا دەريا بويىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 20 بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىشنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىدا ئاي بېشىدىلا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، 5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى؛ قەشقەر دۇڭچېڭ 2 - ئوتتۇرا مەكتىپى، قەشقەر شەھىرى ئىپارخان باغچىسى، قەشقەر بېيخۇ 1 - نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونى، يۈەنمېڭ دەۋر مەيدانىدىن ئىبارەت تۆت تۈردە 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن بۇرۇن كەينى - كەينىدىن ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 3 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 114كە يەتتى، يېڭىدىن قۇرۇلغان تۈرلەرنىڭ 47سىدە ئىش باشلاندى، 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدا يەنە 524 تۈردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلاندى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 47 نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، بۇلار دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، قاتناش، ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرى، جەمئىيەت تەرەققىياتى، سانائەت سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خوتەن يورۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى، نىيە ناھىيەسىدىكى نىيە سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى، كېرىيە ئايرودۇرۇمى، خوتەندىن چاقىلىققىچە بولغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنىگىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن ئونىدا ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن قالغان 47 تۈردە ئىش پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

قاراماي شەھىرىنىڭ 47 نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرىدە بىردەك 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىشنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 129 بولۇپ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە ئالتىسىدە ئىش باشلاندى؛ قومۇل شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 13 بولۇپ، يىللىق پىلان بويىچە 7مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ؛ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 53 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان تۈر ئون؛ تۇرپان شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 19؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 28؛ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 130 بولۇپ، قۇلىستاي ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 29 ...

ھەرقايسى جايلار نۇقتىلىق تۈرلەرگە قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى ھەپتىگىچە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈنگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، جەدۋەل تۈزۈپ ئالغا سىلجىتىدۇ. تۈرلەردە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، خادىملارنىڭ شىنجاڭغا قايتىش، ئىش ئورنىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى، ماددىي ئەشيا، ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەشنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى مۇھىم ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىش، قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى