تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەن توغرا ھايات يولىنى تاپتىم

پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى ئالىجان ئادىل:

مەن توغرا ھايات يولىنى تاپتىم

مېنىڭ ئىسمىم ئالىجان ئادىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن نۇرغۇن خىزمەت قىلىپ باقتىم. 2016 - يىلى، مەن دوستۇم بىلەن شېرىكلىشىپ كومپيۇتېر ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچتىم. دەسلەپتە سودىمىز يامان ئەمەس بولدى، كېيىن ئەرزان بولۇشنى قوغلىشىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلمىغاچقا، سودىمىز بىراقلا چۈشۈپ كەتتى. مەن سەۋەبنى ئۆزۈمدىن ئىزدىمەي، ئەكسىچە ئەتراپىمدىكى خەنزۇ كەسىپداشلىرىمدىن ئاغرىنىپ، ئۇلار مېنىڭ سودامنى تارتىۋالدى، دەپ قارىدىم.

مېنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھىم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، خەنزۇلارغا قارا چاپلاپ، ماڭا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى. كېيىن ئۇنىڭ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ ماڭا ئۈزلۈكسىز ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈردى، يەنە ماڭا نۇرغۇن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن - سىنلىرىنى ئەۋەتتى، بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك بىللە كۆردۇق. شۇنداق قىلىپ مەندە ئېغىر ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى شەكىللەندى، كاللامدا ئىزچىل چوڭ ئىش قىلىشنى پىلانلايتتىم. بىز دۇكاننى سېتىۋېتىپ، ئارقىدىن بىز تۇرۇشلۇق ئاشۇ سودا ساراينى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتۇق، يەنە 6000 يۈەنگە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدۇق.

ئۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ساقچىخانىغا بېرىپ بىزنى پاش قىلدى، خەلق ساقچىلىرى مېنى قانۇن بويىچە چاقىرتىپ، مەندە ئېغىر ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاھىشى بارلىقىنى بايقىدى، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە ماڭا ياردەم بېرىشنى، تەربىيە قىلىشنى قارار قىلدى. 2018 - يىلى، مەن پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ تەربىيەلىنىشكە قاتناشتىم.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىمنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، شۇنداقلا دىن بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىدىم، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم. شۇنىڭدەك ئەگەر كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كەلمىگەن بولسام، مېنى كۈتۈپ تۇرغىنىنىڭ قانۇننىڭ سورىقى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم، دەرسخانىدا مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدىم، بىلمىگەنلىرىمگە يولۇققاندا، مۇئەللىمدىن سورىدىم، ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىپادەم بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا، كۆپچىلىك مېنى سىنىپ باشلىقلىقىغا سايلىدى. كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن مەن ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويدۇم. مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن، ياكى ئۆگىنىشتە بولسۇن، مەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئۈلگە تىكلىدىم. بۇنىڭدىن باشقا، مەن يەنە ناھىيە ۋە مەكتەپ تەشكىللىگەن قانۇن تەشۋىقاتى، قانۇن بىلىملىرى مۇسابىقىسى، دېلو ئارقىلىق قانۇننى سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئېيتىپ بەردىم.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى كەچۈرمىشىمنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن. ئىلگىرى مەن ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق ئىدىم، لېكىن ئاتالمىش دوستۇم ماڭا: «ناخشا ئېيتساڭ بولمايدۇ، ئۇسسۇل ئوينىساڭ بولمايدۇ، بولمىسا ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا كىرىسەن» دەپ ئېيتقاچقا مەن ئۆزۈمنى چەكلەپ كەلگەنىدىم. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، مۇئەللىم مېنىڭ ئۇسسۇل ئويناش تالانتىم بارلىقىنى ئېيتتى، مۇئەللىمنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، مەن سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇل ئوينىدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسسۇل ئوينىسام توختىيالمايدىغانلىقىمنى بايقىدىم، ئۇسسۇل ماڭا ھەقىقىي ئۆزۈمنى ھېس قىلدۇردى. 2019 - يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، بىز بىر ئاي بۇرۇن نومۇرلارنى مەشىق قىلىشنى باشلىدۇق، ھەركۈنى يېرىم كېچىگىچە مەشىق قىلاتتۇق، لېكىن مەن ئازراقمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايتتىم، ھەر كۈنى ناھايىتى روھلۇق ئىدىم. ئاخىر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى كۈنى يېتىپ كەلدى، بىزنىڭ ئويۇنىمىز ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، بىرىنچىلىكنى ئالدۇق. بۇ كۈن دەل مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. كېچىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بىزنى بىللە ئاڭلىتىش زالىغا بېرىشقا چاقىردى، بۇ چاغدا تۇيۇقسىز تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ياڭرىدى، كۆپچىلىك تورتنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كېلىپ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، بۇ ناھايىتى زور خۇشاللىقتىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتىم. 2019 - يىلىدىكى تۇغۇلغان كۈنۈم ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن تۇغۇلغان كۈن بولدى.

تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن ماھارەتكە تايىنىپ، مەن بىر ئويۇن قويۇش شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدىم، ئاساسلىقى ماسلاشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولدۇم. ئىلگىرىكى كەچۈرمىشىم خۇددى قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشايدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، مەن قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغاندىم. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆزۈمنى تاپتىم، توغرا ھايات يولىنى تاپتىم. مەن ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە ھاياتىم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى