تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئەسلىگە كەلدى

سۈرەتلەرنى ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونى تەمىنلىگەن.

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن خەۋىرى)ئاپتوموبىل ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، يول بويى چوڭقۇر نەپەس ئالغىنىڭىزدا تاغ گۈللىرىنىڭ، ئوت-چۆپلەرنىڭ خۇشپۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلىدۇ، ئېرىق سۈيى قۇلاق تۈۋىڭىزدە شىلدىرلايدۇ... ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندىكى بۇ خىل گۈزەل تۇيغۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئەتىيازدا ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش سەپىرىنى قايتا باشلىشىغا شارائىت ھازىرلىدى.

    يېقىندا، شىنجاڭ يىپەك يولى نەنسەن ساياھەت مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى(ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى) ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ قايتا ئېچىۋەتتى(ھەر كۈنى ئېچىۋېتىش ۋاقتى سائەت 10:00دىن 17:30گىچە)، بۈگۈندىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە يەتتە كىشلىكتىن تۆۋەن جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرەلەيدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ئىلگىرى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى ئاچقان، مەنزىرە رايونىنى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن، 2017-يىلى يازدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ھازىر مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش شارائىتى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشىغا ھوزۇر بېغىشلىيالايدىكەن، شۇڭا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت تۈرى يەنە بىر قېتىم يولغا قويۇلغان.

     ھازىر تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدىن جاۋبىشەنگىچە بولغان مەنزىرە نۇقتىسىغىچە بولغان دائىرە ئېچىۋېتىلدى. مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، يەنى مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتى: ھەربىر ئادەم 30 يۈەن(ساياھەتچىلىك سۇس پەسىل باھاسى)، ئارىلىق ئاپتوموبىلى بېلىتى: ھەربىر ئادەم 28 يۈەن(ساياھەتچىلىك سۇس پەسىل باھاسى) بولدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى داۋالاش خادىملىرى ئىناۋەتلىك خىزمەت كېنىشكىسى ئارقىلىق 2020-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ھەقسىز ئىشىك بېلىتىدىن بەھرىمەن قىلىندى.

   ساياھەتچىلەر يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بېلەت سېتىش نۇقتىسىدا ياكى مېيتۇەن، شيېچېڭ، لۈماما، شىيۈيۇۋ قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، بېلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بېرىپ، 2-ئەۋلاد كىملىكىنى سۈركەپ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملىتىدۇ. ساياھەتچىلەر ساياھەت جەريانىدا ماسكا تاقاپ، كىملىك، مەھەللىلەردىن بېجىرىپ بەرگەن ئاھالىلەر ساغلاملىق يول خېتى قاتارلىقلارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپى ئارقىلىق كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋاقىت پەرقى بويىچە مەنزىرە رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، تارقاق ساياھەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى