3-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ۋۇخەن دۇڭخۇ موشەندىكى گىلاسزارلىق مەنزىرىسى. يېقىندا تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلەپ، ۋۇخەن دۇڭخۇ موشەن گىلاسزارلىقىدا يىڭخۇا گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلدى، ھەممە جاي باھار ھىدىغا تولدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيوڭ چى فوتوسى
3-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان گۇاڭشى نەننىڭ چىڭشيۇشەندىكى باھار مەنزىرىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، گۇاڭشى نەننىڭ چىڭشيۇشەن مەنزىرە رايونىدا ھەر خىل گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ، ئىللىق باھار مەنزىرىسى كىشىلەرگە ھۇزۇر بېغىشلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ يىمىڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ دۆلەت تىياتىرخانىسى ئەتراپىدا سۈرەتكە تارتىلغان ھۈپپىدە ئېچىلغان ماگنولىيە گۈلى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بېيجىڭدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كوچىلاردىكى ماگنولىيە گۈللىرى خۇش پۇراق چاچتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شياۋگۇاڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى