تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشتا خەلققە زىچ تايىنىش كېرەك. ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى، سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىدىكى دوختۇرلار، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ، مەھەللىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى كۈچەيتىپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلىنىشىدىلا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى سۈپىتىدە، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان يولداشلارنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، جاپادىن باش تارتماي، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەيدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان روھنى نامايان قىلدى؛ كەڭ ئامما چوڭ ۋەزىيەتكە بويسۇنۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغداپ، بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامرىشىنى توسۇش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇشتەك ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىككى بازا بار، بىرى دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش بازىسى، بىرى مەھەللىدىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بازىسى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ مەھەللىگە تايىنىشتا، مەھەللە سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سېپى. ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن تىنىۋالىدىغان ۋاقىت تېخى كەلمىدى. ھازىر ئاچقۇچلۇق ۋاقىتقا كەلدۇق، جەزمەن چىشنى چىڭ چىشلەپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، خەلق ئاممىسىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆزىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ مەيدان توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئالدىنى ئېلىش»تا، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاممىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا قوللىشى ۋە قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاممىنىڭ چىشنى چىڭ چىشلەپ داۋاملاشتۇرۇشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ. مەھەللىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى داۋاملىق تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەشكىللەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرۇپ، بەرداشلىق بېرىش، چىڭ ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، ئەجىرنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە بىر قىسىم كەسكىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش تامامەن زۆرۈر. ھازىرقى بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، خۇبېي ۋە ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئېغىر بولغان جايلاردىن باشقا جايلاردا ئۆلچەمنى چىڭ ئىگىلەشكە دىققەت قىلىپ، ئامالنىڭ بارىچە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى كىچىك، ئېلىپ كېلىدىغان قولايسىزلىقلىرى ئاز بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولسا، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى مۇقىم بولىدۇ، جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ، ئامما خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. خۇبېي ۋە ۋۇخەن قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر جايلاردىكى ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت بولدى، بەزىبىر دەرد - ئەلىمىنى تۆكۈش كەيپىياتىنى چۈشىنىپ، كەڭ قورساق بولۇپ، سىغدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، بازارنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج ۋە باھا ئەھۋالىنى زىچ كۆزىتىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ئاشلىق، ياغ، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋەبىدىن ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، قىيىنچىلىقى بار بالىلار، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلەشكۈچىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىيارەت قىلىش، يوقلاشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. يۇقۇملانغان ئاممىغا ھەرقايسى جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئاغرىقلارنى خاتىرجەم داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ئاغرىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارغا بولغان پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەتچى بولۇشتا قاققان قوزۇقتەك قېتىۋېلىشقا، قاتتىقلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك قىلىپ، گەپنى ئاممىنىڭ ئويلىغىنىدەك قىلىپ، ئاممىغا باھاردەك ئىللىق تۇيغۇ بەخش ئېتىش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىدىغان سىناق تاش ۋە بىلەي تاش. ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى سىردىشى بولۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ھەل قىلىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلساقلا، بىز جەزمەن خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، تېزدىن بۇ مەيدان كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى