تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 334 نامرات كەنت بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 4G تورى بىلەن تولۇق قاپلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: بۇلتۇر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 1962 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ ھەممىسىدە ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغ ئۇلاش، خەۋەرلىشىش تورى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشقاندىن كېيىن، بۇ يىل، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى نامرات كەنتلەردە 4G تورى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا نامرات كەنتلەردە سىملىق، سىمسىز تور ئۆزئارا ئەۋزەللىك قىلىنغان، ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان تور بىلەن قاپلىنىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ تېلېگراف ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىگە داۋاملىق تايىنىپ، 4G ئاساسىي پونكىتىدىن 367نى قۇرۇپ، 334 نامرات كەنتنىڭ 4G تورى بىلەن قاپلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش ئاساسى سالىدۇ.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى يېزا رايونلىرى، بولۇپمۇ چەت، يىراق ئېغىر نامرات كەنتلەردە كەڭ بەلباغلىق تور بولماسلىق ياكى تورغا ئۇلىنىش سۈرئىتى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى، بىر قىسىم نامرات كەنتلەردە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولۇش، كىلىمات شارائىتى ناچار بولۇش، قۇرۇلۇش شارائىتى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يان تېلېفون سىگنالى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، كەڭ بەلباغلىق تورنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش قىيىن بولدى. شىنجاڭدىكى چەت، يىراق ئېغىر نامرات كەنتلەرگە تور ئۇلانماسلىق مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت تېلېگراف ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويدى، شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركەز مالىيەسىدىن 1 مىليارد 70 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق يېتەكلەش، يەرلىك ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ 2 مىليارد يۈەن يانداش مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 2019 - يىلى 9 - ئايدا نامرات رايونلارنىڭ ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

«خەۋەرلىشىش تورىنىڭ راۋانلىقى نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرى بىر يان تېلېفون، بىر كومپيۇتېر ئارقىلىق توردا قولاي ھالدا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋالالايدىغان بولدى، شەھەرلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى بايلىقىمۇ تېزلا يېزا - كەنتلەرگە كېڭەيدى، ئامما <بارماق ئۇچىدىكى بەخت>نى ئاسانلا ھېس قىلالايدىغان بولدى» دېدى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ما جۇچىڭ.

يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ تۈرلۈك خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى ۋە توردىن پايدىلىنىشى، پايدىلىنالىشى، ياخشى پايدىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش تىجارىتى كارخانىسىنى مەخسۇس ئېتىبارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشقا پائال يېتەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىلىش دائىرىسى ۋە بېجىرىش سانىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئېتىبار سىياسەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. ھازىر، 550 مىڭغا يېقىن ئائىلىدىكى نامرات نوپۇس مەخسۇس ھەقلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولغان بولۇپ، ئېتىبار بېرىش كۆلىمى %65تىن %75كىچە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى