تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، باش كاتىپ ئەپەندى ماڭا خەت ئەۋەتىپ ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ قوللانغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى ھەم كۆپ قېتىم ئاشكارا سۆز قىلىپ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللىدى، جۇڭگولۇقلاردا «چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ھالەت شەكىللەندى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز، داۋاملىق چىڭ، پۇختا، ئىنچىكە تۇتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگو خەلقى بۇ مەيدان يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ، ئالدىن بېكىتىلگەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنىمۇ چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، مېنىڭ بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچىم بار.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېقىندىن بۇيان يۇقۇم كۆپ دۆلەت، كۆپ نۇقتىدا كۆرۈلدى، يۇقۇم ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، دورا ۋە ۋاكسىنىنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ ھەم يۇقۇم كېڭەيگەن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە، بايلىق سېلىنمىسىنى زورايتىشقا، بولۇپمۇ ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 20 مىليون دوللار ئىئانە قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يۈزبېرىشى يەنە بىر قېتىم شۇنى بىلدۈردىكى، ئىنسانىيەت جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىقتىساد يەر شارىۋىلاشقان دەۋردە، بۇنداق ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى ئەمەس، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى يەنە ئۈزلۈكسىز يېڭى سىناقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل يەر شارى يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋەدىسىنى تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى قوللايمىز. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

گۇتېررېس مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگودىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئازايغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم ھەم تەبرىكلەيمەن. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو قەتئىي ئىرادىسى ۋە قۇدرەتلىك چىدامچانلىقىغا تايىنىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن ناھايىتى تېز غەلىبە قىلىپلا قالماي، يەنە ئىقتىساد تەرتىپىنى ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئۈچۈنمۇ مۇھىم تۆھپە قوشقانلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپنىڭ ھازىر قىيىن ئەھۋالدا قالغان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقى ھەم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ۋاكسىنا، تېببىي دورا قاتارلىق قىممەتلىك ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگونىڭ قوللىشى كۆپ تەرەپچىللىككە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رەھبەرلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.