تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پەيتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋۇخەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

پەيتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار ۋە ئاھالىلەر، ئاممىنى يوقلاپ ھال سورىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىزىغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى تولۇقلىۋېلىش، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقۇم ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ توغرا تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەپ ئايرىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشتا تەۋرەنمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مەنبەدىن باشقۇرۇش، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا مۇداپىئەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشىنى پائال تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» توشۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى خادىملارنى شىنجاڭغا قايتىشقا، ئىش ئورنىغا چىقىپ تىجارەت قىلىشقا تېزدىن تەشكىللەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ يۈرۈشۈشىنىڭ تەرتىپلىك ھەرىكەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىزگىنلەنگەن، توڭلىتىلغان ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ئەمەلىي نەرسە ئىستېمالى ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ تولۇقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، دىققەتنى ئاممىۋى سەھىيە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتى، خەۋەرلىشىش، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈر خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈمنى پىلانلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ يۆلەش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى پائال قوللاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 - يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرىدا ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەكتەپكە بىر تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، دەل جايىدا، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقىرىشىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش؛ تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى تەڭشەپ يۆتكەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كەنت، ئائىلىلەرگىچە تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، چوڭ كېسەل، ھاشارات زىيىنى ۋە ھايۋانات كېسىلىنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش؛ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.