3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، كىران مالنى قاچىلىماقتا. شۇ كۈنى X9091 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە قاراپ ماڭدى، بۇ، بۇ يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان قاتنىغان 3000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.
(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىچىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە كىيىم - كېچەك قاتارلىق ماللار لىق بېسىلغان نۆۋەتچى پويىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتكە قاراپ ماڭدى. بۇ، بۇ يىغىلىش مەركىزى 2016 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان قاتنىغان 3000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى.
«جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ نۆۋەتتە مال مەنبەسى يېتەرلىك، بىز مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قاچىلاش - توشۇشنى تەشكىللەۋاتىمىز.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: بۇ ماللارنى شۇ كۈنى ۋاگونغا قاچىلاپ، شۇ كۈنى چېتىپ توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 60 نەچچە سائەتتىن كېيىن تاشكەنتكە يېتىپ بارىدۇ.
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولى مال مەنبەسىنى زاپاس ساقلاشتىن قول سېلىپ، كارخانىلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، ھەر كۈنى خېرىدارلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئامبار زاپىسى ھەم سېتىش پىلانىنى ئىگىلەپ، خېرىدارلارنىڭ توشۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئالدىن پويىز تەييارلاپ، توشۇش لايىھەسىنى بېكىتتى.
2 - ئايدا خېرىدارلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ كەسىپ بېجىرەلمەسلىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى كەسىپ بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈش، توشۇش تالونى تولدۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارنى تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇردى. خېرىدارلار پەقەت مال توشۇش ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىسە ھەمدە جەزملەشتۈرسىلا، تۆمۈريول تارماقلىرى قالغان رەسمىيەتلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىپ، بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.
3 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، بازار ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى كارخانىلار پائال مال سېلىشنى تەشكىللىدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى خىزمەتچى خادىملارنى ۋاگونغا قاچىلاش نۇقتىسىدا يېتىپ - قوپۇش، غىزالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا نەق مەيداندا ئىنكاس قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. نەق مەيداندا مەشغۇلات قىلغۇچى خادىملار ئۇدا نەچچە كۈن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ نۆۋەتچىلىك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەسلىھەت سورىغانلارغا جاۋاب بېرىپ، توشۇش رەسمىيەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا بېجىردى.
«بىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تىرىشىپ 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئۈچ نۆۋەتچى پويىز قاتناش كۆلىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ يىل ئىچىدە 1000دىن ئارتۇق نۆۋەتچى پويىز قاتناش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى نەن جۈن.
ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇشنى تەشكىللىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەشكىللەش ئۈنۈمى ۋە قاتناش سۈرئىتىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى مال مەنبەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە توپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتتە قاتناش لىنىيەسى 21گە يېتىپ، 23 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلاپ، كۆلەملەشكەن تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى.