تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جىددىي پەيتتە قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولدى. سىلەر ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى بولماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇڭلار. سىلەر يورۇقلۇق ئەلچىلىرى، ئۈمىد ئەلچىلىرى، ئەڭ گۈزەل پەرىشتىلەر، ھەقىقىي قەھرىمانلار! پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!»

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى، بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، قىزغىن ماختىدى، ئۇلارنى «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»، دەپ ئاتىدى. باش شۇجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇبېي ۋە ۋۇخەن خەلقى يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر باش ئەگمەي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ مېھرىبان قەلبىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى، دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. ھازىر، يۇقۇمنىڭ يامراش، كېڭىيىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن توسۇلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، سىلەر ئەڭ چوڭ تۆھپىكار، پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە بىرىنچى دەرىجىلىك تۆھپە يازىدۇ!

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىلا خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قوللانغان بارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەڭ زور ئىمكانىيەت بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنى ئالدىن ئويلاشتى. يامان ئەلپاز بىلەن كەلگەن يۇقۇم ئالدىدا، پۈتۈن خۇبېي ئۆلكىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى تولۇق قوراللىنىپ، قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلاندى، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، قىلچە قورقماي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە كىرىشىپ، پەۋقۇلئاددە قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش، پەۋقۇلئاددە جەڭ قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېچە - كۈندۈز جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچقا يۈز كېلىپ، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، كېسەللىك ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، جەڭ مەيدانىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەر ئەڭ جاپا چەكتى، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بەردى، بەزىلىرى بەختكە قارشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، بەزىلىرى ھەتتا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولۇپ، قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى. ئۇلار ئاغرىقلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ، تىللاردا داستان بولىدۇ، ئۇلار ئەڭ گۈزەل پەرىشتە، ھەقىقىي قەھرىمان، يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر بولۇشقا مۇناسىپ!

مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا سىنىلار. بۇ مەيدان كەسكىن كۈرەشتە، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، ئۇدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مۇھەببىتىنى ئايىمايدىغان كەسىپ روھىنى نامايان قىلدى، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ھاياتىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزىدىغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى، قەيسەر ئىرادە - پەزىلەتنى نامايان قىلدى، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى نامايان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، كىشىلەر «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار»، «2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» توپى، بولۇپمۇ خۇبېيغا ياردەمگە كەلگەن 42 مىڭدىن كۆپرەك تېببىي خادىم ئىچىدە، 12 مىڭدىن كۆپرەكىنىڭ «90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى خېلى بىر قىسمىنىڭ «95 - يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار»، ھەتتا «2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار» ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار جاپادىن قورقماي، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە قىممىتىنى ئىسپاتلاپ، قەھرىمانلارچە ئۇلۇغ جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

«دورا ئىشلىتىش ئەسكەر ئىشلىتىشكە ئوخشايدۇ، دوختۇر ئىشلىتىش جياڭجۈن ئىشلىتىشكە ئوخشايدۇ.» تېببىي خادىملار يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى تايانچ كۈچ، تېببىي خادىملارنىڭ ساغلاملىقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ئۇلارنى قوغداش، ئاسراشقا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى، ئالاقىدار تارماقلار مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائاش تەمىناتى، ۋاقىتلىق خىزمەت ياردەم پۇلى، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئە قوشۇمچە پۇل تەمىناتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئىمكانقەدەر تېز ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ غەم - ئەندىشىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە كىرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، ئاخىرغىچە، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىلمىي دەل جايىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى ۋە تېخنىكا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ئەڭ زور چەكتە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى مەڭگۈ سىلەر بىلەن بىللە، مەڭگۈ سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەتئىي سۆزلىرى كەڭ تېببىي خادىملارغا ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى، بىز كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى چوقۇم ياخشى ئورۇندىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى