فاڭساڭدا مۇھەببەت بار. شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن سالام خەت⑭|بۇ قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىنلا، قايتىپ بالىلىق بولايلى
مۇھەررىر:
نىجات نىياز
2020/03/09 17:58
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ) 33 ياشلىق ياڭ جيې ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى مەقئەت-ئۈچەي كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ سېستراسى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي قىسم دوختۇرخانىسى 10-كېسەل رايونىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئاغرىقلار ساقال ئالغۇچنىڭ بىر تال تىغى، ھەتتا بىر سۇلياۋ خالتىغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، پەقەت ئۇنىڭغا ئېيتپ قويسىلا، ئۇ ئامال قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ۋاقتىنچە ئېلىشقا ئامالسىز بولۇپ قالغانلىرىنى ئۇ كۆڭلىگە ساقلىۋېلىپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. تېببىي خادىملارنىڭ ئەستايىدىل خەۋەر ئېلىشى بىلەن، ياڭ جيې تۇرغان كېسەل رايونىدىكى نۇرغۇن ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.
ياڭ جيې بىرىنچى سەپتە خىزمەت قىلىدۇ، ئېرى جوۋ فاڭ ئۈرۈمچىدە ئۈن-تىنسىز ئارقا سەپ خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، «ئۇ ھەممە ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىككى تەرەپتىكى چوڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، مېنى غەم قىلغۇزمىدى، بەزى گەپلەرنى ئېغىزىمدىن چىقىرالماي، ئۇنىڭغا خەت يازدىم.» دېدى ياڭ جيې.
سىز ئىشلىتىۋاتقان زىيارەت قىلغۇچ بۇ فىلىم قويغۇچنى قوللىمايدىكەن ، ie8 دىن يۇقىرى زىياەت قىلغۇچ ئىشلىتىڭ