3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى باشقا جايلاردىن ئىش ئورنىغا قايتقان ئىشچىلار ھۆددە ئايروپىلانى بىلەن ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ شى خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 16:45 تە، چېڭدۇدىن ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى دىۋوپو خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ ئىشچىلارنى ئىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھۆددە ئالغان تۇنجى ئايروپىلانى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئايروپىلاندا 180 نەپەر سىچۇەنلىك ئىشلەمچى توشۇلدى.
«بۇ قېتىمقى ھۆددە ئايروپىلاننى تىيانشان رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ___ فېيسۈي تيەنچياۋ قۇرۇلۇشىنىڭ 1-تۈركۈمدىكى قۇرۇلۇشچىلىرى.» دېدى تىيانشان رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى يەن.
مۇخبىر ئايروپورتتا تىيانشان رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى قاچىلانغان كىچىك سوۋغاتلىق خالتىلارنى سوۋغا قىلغانلىقىنى، كەينىدىن قاتار تۇرغان ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىشلەمچىلەرنى كارخانىلارغا ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆردى. «ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار ئەتراپلىق ئويلىشىپ، بىزنى تەپسىلىي ۋە سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تىنچ-ئامان قايتا ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى!» دېدى سىچۈەنلىك ئىشلەمچى خې فېي.