تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار مەنزىرىسىگە مەسئۇل بولمىغانلىق گۈزەل دەۋرگە مەسئۇل بولمىغانلىق

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇچۇڭ يولىدىكى دېخۇي ۋەندا مەيدانى جيالې تۇرمۇش بۇيۇملىرى تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى بېييۇەنچۈن كۆكتات، مېۋە-چىۋە توپ تارقىتىش بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئاقسۇ تيەنبەي مودا مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. ياڭ شو فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، خېرىدارلار ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولىدىكى بىر تاتلىق يېمەكلىكلەر دۇكىنىدا يېمەكلىك سېتىۋالماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئازات يۈسۈپ فوتوسى

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، جىنەندىن بىۋاسىتە كۇچاغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كۇچا كۈسەن ئايرودرومىغا يېتىپ كېلىپ، 166 نەپەر شەندۇڭلىق ئىشلەمچىلەر ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتتى. نىياز راخمان فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان C8118-قېتىملىق پويىزغا چىقىشقا تەييارلانماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي تېز سۈرئەتلىك يولىدا ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى (ئۇچقۇچىسز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شې لۇڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا تاماشا ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ سەيلە قىلدى. شۇ كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى. ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. جېن مېي فوتوسى

3-ئاينىڭ 12-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شې لۇڭ فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئىللىق باھار شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تەسىرىدە «ۋاقىتلىق توختىتىش كۇنۇپكىسى» بېسىلغان نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.

  نەچچە كۈندىن بېرى، ھەر مىللەت ئامما بەس-بەستە سىرتلارغا چىقتى، بەزىلەر باغچىلاردا باھار پەيزىنى سۈرسە، بەزىلەر سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا بېرىپ مال سېتىۋېلىش خۇشاللىقىدىن بەھىرىمەن بولدى، يەنە بەزىلەر كىتابخانىلارغا بېرىپ بىلىم ئىگىلەپ، مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتتى...

    كەچلىك بازارلار بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، زاۋۇت، سېخلاردىكى كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان قىزغىن ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىمۇ قايتىپ كەلدى ...

  گۈزەل باھار مەنزىرىسى قوينىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  بۇ خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بىزنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، قىممەتلىك باھار ئاپتىپى بىزنىڭ غەيرىتىمىزنى ئاشۇرىدۇ. بىز ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان بارلىق زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز.

  يىلنىڭ بېشى باھاردىن. باھار پەسلىدە تىرىشىپ ئۇرۇق تېرىپ، تېرىقچىلىق قىلغاندىلا، ئاندىن كۈز پەسلىدە تولۇق ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز چوقۇم مول ھوسۇللۇق ئالتۇن كۈز پەسلىنى كۈتۈۋالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئەنئەنىۋى كۆچۈش مەدەنىيىتى ۋارىسىنى باھالاش» پات ئارىدا باشلىنىدۇ
  • ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش
  • ئەخلەت توشۇش موتوسىكلىتى تارقىتىلدى