تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتىمىز، پۇختا تۇتىمىز، ئىنچىكە تۇتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېينى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى زور ئىلھاملاندۇردى −

قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتىمىز، پۇختا تۇتىمىز، ئىنچىكە تۇتىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇبېي ۋۇخەنگە بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئاممىنى زور ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، قىلچە بوشاشماي تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتىمىز، پۇختا تۇتىمىز، ئىنچىكە تۇتىمىز؛ نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز.

بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرىمىز

«باش شۇجىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن مەن زور ئىلھام ئالدىم، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ساۋ يۈجىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى بارلىق ئەزالار قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كۈرەش قىلىش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى تىرىشىپ قانات يايدۇرۇپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ.

«باش شۇجى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش بىلەن بىللە، باشقا ئاغرىقلارنىڭ كۈندىلىك داۋالىنىش ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: «ھازىر دەل ئومۇميۈزلۈك ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، كېسەل كۆرۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، دوختۇرخانا باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئاساسىدا، مۇۋاپىق داۋالاش مۇلازىمەت تەرتىپىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ».

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

«باش شۇجىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مەھەللە خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىغانلىقىدىن مەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، غەيرىتىم تولۇپ تاشتى.» ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نەنخۇ شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى نەنخۇ شىمالىي يولى شەرقىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دىڭ شۆيىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، نەنخۇ شىمالىي يولى شەرقىي مەھەللىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 24 سائەت ئاممىغا قولاي مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ئېچىپ، مەخسۇس ئادەم مەخسۇس باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى ئورۇنلار، كارخانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«باش شۇجى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش كېرەك، دېدى. بۇ بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى مېھرىگۈل مەتتۇرسۇن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز بۇ قېتىمقى چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

شىنجاڭ فۇرۈندې مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى لو يىڭجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلايدۇ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىدىن ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى ياربېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى ئاقلاپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى يېتەكلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن».

يەكەن ناھىيەسىدە ھېلىھەم 35 مىڭ 446 نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى، 173 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقمىدى. يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەن جۈنلې مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كەسىپنى تۇتۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز».

(مۇخبىر سۇ لۇپىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار چاۋ جىن، يۈ مېڭرەن، پەرىزات ئابدۇل، خېي خۇڭۋېي، لى لىن، جاڭ جىلى، خەن چىنيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى