تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

قار ئۇچقۇندىغان بوغدا كۆلى ئۆزگىچە گۈزەل

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ خەۋىرى): «قار ئۇچقۇندىغان بوغدا كۆلى ئۆزگىچە گۈزەل!» 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لۇ تىڭ تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، ئۆزى كۆرگەن گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاقەتسىزلىك ئىلكىدە ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋالدى.

  «مەنزىرە رايونىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىپتۇ، مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىدىكەن، تازىلىق ئۆيىگە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سەپلەنگەن بولۇپ، تازىلىق ئىشچىلىرى ھەر ۋاقىت تازىلىق قىلىپ تۇرىدىكەن، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ساياھەتچىلەرگە ماسكا تاقاشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن.» تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى لۇ تىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى 100 نەچچە قار تېيىلىش ھەۋەسكارىنى كۈتۈۋالدى. «قار تىيىلىش مەيدانىدا كۆپچىلىك ئارىلىق ساقلايدىكەن، بىر دانە سەككىز كىشىلىك تېز سۈرئەتلىك ئاسما ۋاگوندا ئىككى ئادەم ئولتۇرىدىكەن.» سەككىز يىللىق قار تېيىلىش تارىخىغا ئىگە قار تېيىلىش ھەۋەسكارى لياۋ شيەنچېڭ شۇنداق دېدى.

  ھەر قايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەنزىرە رايونىنىڭ بىخەتەر تىجارىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەن جىنچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونى كۈندىلىك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنى %50تىن ئاشۇرماي، مەنزىرە رايونىدا يېمەك-ئىچمەك، ياتاق ۋە ئۆي ئىچى كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىك قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم ئوينىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇڭبىن مۇنداق دېدى: مۇشۇ ھەپتىدە ۋىلايەتتىكى  A دەرىجىلىك مەنزىرە رايوندىن سەككىزى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى سەھىيە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەتچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق.

    توردا بېلەت سېتىۋېلىش، توردا ئالدىن كېلىشىش، ئۇچراشماي چىقىم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاستىدا مەنزىرە رايونىدا ئالاقە تورىنىڭ ساياھەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇلۇپ، توردا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

  تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى توردا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋېلىشنى يولغا قويدى. ساياھەتچىلەر «تىيانشان بوغدا كۆلى» ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار نومۇرى، مېيتۇەن، شيېچېڭ، لۈ ماما، تۇڭچېڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ياكى مەنزىرە رايونى ئىككىلىك كودىنى سىكانېرلاپ، توردا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، ساياھەتچىلەر يۈزلىرىنى تونۇتۇش ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىدۇ.

  قاراماي شەھىرىدىكى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆلچەتتى. مەنزىرە رايونى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش، سەيلە-ساياھەت قىلغاندا ئارىلىقى 1.5 مېتىردىن چوڭ بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنى تۈرلۈك ئىستېمال پائالىيەتلىرىدە ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشقا ئىلھام بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى