تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

خوتەندىكى كەچلىك بازارلار خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېرىدارلار خوتەن كەچلىك بازىرىدا مەززىلىك تائاملارنى سېتىۋالماقتا. نيۇ بىن فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ لىجېڭ، ئابلىكىم خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، خوتەندىكى ئىككى ئورۇنغا جايلاشقان كەچلىك بازار __ خوتەن كەچلىك بازىرى، خوتەن كەچلىك بازىرى (خۇەنخۇ دۇكىنى) تىجارەت باشلاپ، خېرىدارلارنى كۈتۈۋالدى.

    خېرىدارلار كەچلىك بازارغا كىرىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن كىرىش ئېغىزىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىپ، تىزىملىتىپ ئاندىن تەرتىپ بويىچە بىر مېتىردىن چوڭ ئارىلىق ساقلاپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كىرىش كېرەك. خوتەن كەچلىك بازىرى (خۇەنخۇ دۇكىنى) تىجارەت باش نازارەتچىسى باۋ فېڭيۈ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر كۈنى ئىككى قېتىم دائىملىق دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بارىمىز، يەنە شەھەر ئاھالىلىرى كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان تۇتقۇچ، جۈمەك قاتارلىقلارنى سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىمىز، تازىلىق ئۆيلىرىگە دېزىنفېكسىيە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سەپلەپ، تىجارەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»

  ئىككى ئورۇندىكى كەچلىك بازار ئايرىم ئۈستەلدە تاماق يېيىش، قاچىلاپ ئېلىپ كېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار تىجارىتىنى يولغا قويدى.

  خوتەن كەچلىك بازىرى (خۇەنخۇ دۇكىنى)دىكى تىجارەتچى جۈمەنىسا مەتتوختى بىلەن چوڭ قىزى يايمىسى ئالدىدا ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈۋاتقان خېرىدارلارنى چاقىرىش بىلەن ئالدىراش بولدى.

    بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن جۈمەنىسا خوتەن ناھىيەسى لاڭرۇ يېزىسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. 2019-يىلى 5-ئايدا، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، ئۇ كەچلىك بازارغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇ تاڭزۇڭزا ياساشقا ئۇستا بولغاچقا، سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. «مەن يەنە بىر يايما ئورنىنى ئىجارە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلدىم، ئەمدىلا كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن چوڭ قىزىمغا مېۋە شەربىتى يايمىسى ئېچىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» دېدى جۈمەنىسا.

  خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ مەسئۇلى جاۋ يۈ مۇنداق دېدى: «كەچلىك بازار زور بىر تۈركۈم شەھەر-يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى سۇپىغا ئايلاندى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى