تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

پامىر ئېگىزلىكىدىكى «مۇز يېرىش ھەرىكىتى» ئۈمىد ئېتىزلىرىنى نەملىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ، لى خۇڭيەن ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ يىنجاۋ خەۋىرى، فوتوسى): 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئوتلىقىدا ئېقىۋاتقان بۇ يىل ئەتىيازدىكى تۇنجى سۇغىرىش سۈيىنى كۆرگەن 64 ياشلىق چارۋىچى ئەلمۇرات فالاڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئەندىشىسىدىن خالاس بولدى. ئەلمۇرات ئائىلىسى قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاشقورغان يېزىسى قۇزغۇن كەنتىدىن بولۇپ، كىرىم مەنبەسى ئاساسلىقى چارۋىچىلىققا تايىنىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇق قىلىشى ۋە كۆپچىلىكنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا پۈتۈن كەنتتىكى چارۋىچىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئەلمۇرات ئائىلىسىدىكىلەر 28 تۇياق قوي، 13 تۇياق كالا باقىدىغان بولۇپ، چارۋىلار ئېھتىياجلىق بولغان ئوت-چۆپ ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ 60 مو ئوتلىقى ۋە 10 مو تېرىلغۇ يېرىدىن كېلىدۇ. ھازىر ئوتلاق ۋە تېرىلغۇ يەرلەر سۇغىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، لېكىن ئۆستەڭلەردە تېخى سۇ كەلمىدى. بۇ ئەھۋال ئەلمۇرات ۋە باشقا چارۋىچىلارنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويغانىدى.

  قۇزغۇن كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەزىرىك زەيرېكنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆستەڭ كەنتنىڭ ئاساسلىق سۇغىرىش يولى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىر كېلىدىكەن، يېقىن ئەتراپتىكى قار سۈيىنى كەنتكە باشلاپ كەلگەندە، 3000 مو ئوتلاق ۋە 1000 مو تېرىلغۇ يەرنى سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى ئېقىندا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان ئۆستەڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جىلغا بىلەن يار ئارىلىقىغا توغرا كېلىدىكەن. شىنجاڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تاشقورغان چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى لى سۇڭلىن، ۋۇ يۆچيۇ، يۈسۈپمەمەت مەشرەپ ئۆستەڭنى بويلاپ يۇقىرى ئېقىنغا قاراپ مېڭىپ سەۋەبىنى ئىزدىگەن. نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار ئۆستەڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى 500 نەچچە مېتىر دائىرىنىڭ قىشتا «توڭلاپ» قالغانلىقىنى، ئوتتۇرىچە مۇز تۇتۇش قېلىنلىقى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر ئىكەنلىكىنى، ئېرىگەندىن كېيىنكى قار سۈيىنىڭ مۇشۇ جايدا توسۇلۇپ قېلىپ، ئوڭۇشلۇق ئېقىپ ئۆتەلمىگەنلىكىنى بايقىغان. «يۇرتداشلار، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، ئەمدىلىكتە ھەرگىز ئوتلاققا سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچراشقا بولمايدۇ!» دېدى تاشقورغان چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى خۇاڭ جيامېڭ. ناھايىتى تېزلا 10 نەپەر خەلق ساقچىسى، 15 نەپەر چېگرا قوغدىغۇچىدىن تەشكىللەنگەن «مۇز يېرىش ھەرىكىتى ئەترىتى» يولغا چىقتى.

  كۆپچىلىك گۈرجەك، بولقا، بازغان قاتارلىق سايمانلارنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ كىلومېتىر مۇساپىنى پىيادە بېسىپ مۇز ئۆستەڭگە يېتىپ بېرىپ، «مۇز يېرىش ھەرىكىتى»گە ئاتلاندى. مۇز قاتلىمىنى يېرىپ، مۇز پارچىلىرىنى يۆتكەپ، ئۆستەڭ سۈيىنىڭ ئېقىشى راۋانلاشتۇرۇلدى... گەرچە ئېگىزلىكتە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كۆپچىلىك ھاسىراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ ئادەم توختاپ قالمىدى. ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ئۇدا جەڭ قىلىش نەتىجىسىدە، ئۆستەڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە راۋانلاشتى. ئۆستەڭنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، قاتتىق چارچىغان خەلق ساقچىلىرى بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلار بىر نەچچە يۇتۇم قار سۈيى ئىچتى، جياڭسۇدىن كەلگەن 20 ياشلىق خەلق ساقچىسى ۋۇ يۆچيۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەن ئىچكەن ئەڭ تاتلىق سۇ!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى