تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ۋۇخەننى تەكشۈرگەندە خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس خۇبېي ۋۇخەنگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى، «خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» ئومۇمىي ھۇجۇم بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

«بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش»

ھازىر، يۇقۇمنىڭ يامراش، تارقىلىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر «ئەڭ چوڭ تۆھپىكار».

«شى جۇشىنىڭ كېلىشى ماڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىز بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى!» خوشېنشەن دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي 1 - بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى چېن جىڭ چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدىن باشلاپ ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، بۇ قەھرىمان شەھەردە ئۇدا 40 نەچچە كۈن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىللە كەسپىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى زىممىسىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئاغرىقلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، كېسەل رايونىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

ئۆلۈمدىن قورقماسلىق، بەدەل بىلەن ھېسابلاشماسلىق كېرەك. چېن جىڭ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولسا، بىز پەرزەنت ئەسكەرلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تېببىي كەسپىي ماھارىتىمىز ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك! كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز داۋاملىق شى جۇشىنىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، بىخۇدلۇق قىلماي، جەڭدىن بىزار بولماي، بوشاشماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، ئاغرىقلارغا تەسەللى بېرىش، ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئاتلىنىپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچقا يۈزكېلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھازىر ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلدى، جەزمەن چىشنى چىڭ چىشلەپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭشى داۋالاش ئەترىتىگە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، نەنجىڭ تېببىي داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، نەنجىڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى يىفۇ دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى لۇ شياڭ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «تولۇق غەيرەتكە كېلىش، بوشاشماسلىق كېرەك. كېيىنكى قەدەمدە بىز دۇچ كېلىدىغان جەڭ يەنىلا ئىنتايىن جاپالىق. بىز جەڭدە غەلىبە قىلىشقىچە بولغان ئاشۇ دەقىقىغىچە داۋاملىق خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرىمىز».

جىددىي پەيتتە، قەھرىماننىڭ خىسلىتى نامايان بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئاددىي تېببىي خىزمەتچىلەر ئۈن - تىنسىز كۈرەش قىلىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق تىللاردا داستان بولغۇدەك «يۇقۇم»غا قارشى كۈرەش قىلىش سەھىپىسىنى پۈتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېلىشى ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرى خۇ ئەيلىنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالدى. يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، مەھەللىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى كۆرۈلمىدى. «جەڭ نەتىجىسى»نى ساقلاشقا خۇ ئەيلىنىڭ ئىشەنچىسى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام مەھەللە تېببىي خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى مەھەللە داۋالاش، سەھىيە خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئاھالىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇيمەن.

«مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش»

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىككى بازا بار، بىرى دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش بازىسى، بىرى مەھەللىدىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بازىسى». − ۋۇخەن دۇڭخۇ مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىگە چۈشكەن پارتىيەلىك كادىر جيا چېڭيۈەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. «باش شۇجى مەھەللە خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، بۇ ماڭا ئۆز خىزمىتىمنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.» جيا چېڭيۈەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە ئاھالىلىرى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن، ئاۋات ۋۇخەننى بالدۇرراق قايتا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئالدىنى ئېلىش»تا.

بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى داشىلەن كوچا باشقارمىسى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تەۋەلىكىدە ھەم داڭلىق مەدەنىيەت ساياھەت رايونى بار، ھەم نوپۇس زىچلىقى بىرقەدەر چوڭ بولغان ئولتۇراق رايونى بار. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، رايوندىكى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، كوچا باشقارمىسىدىكى تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پارتىيەلىك پىدائىيلار قاتارلىقلار بىرلىكتە مىڭغا يېقىن كىشى بىرىنچى سەپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوشۇنىنى تەشكىللەپ، مەھەللىنى يېپىق باشقۇرۇش، پوستتا تۇرۇش، نۆۋەتچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى. داشىلەن كوچا باشقارمىسى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى جيې مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايمىز.

بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولۇپ، ھەم تەجرىبە بار، ھەم ساۋاق بار.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى شاڭخەي خۇاڭپۇ رايونى نەنجىڭ شەرقىي يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن دېڭچۈەنگە ئېغىر ۋەزىپىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. «بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەھەللىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، كۈندىلىك خىزمەت ئاساسى، كادىرلار قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا نىسبەتەنمۇ بىر قېتىملىق كەسكىن سىناق ۋە چوڭقۇر سالامەتلىك تەكشۈرۈش. كوچا باشقارمىمىزدا كونا ئولتۇراق رايونلار كۆپ، شاڭخەيگە قايتقان ئىجارە ئالغۇچىلار كۆپ، يۆتكىلىپ يۈرىدىغانلار كۆپ بولۇپ، مەھەللىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر. بىز مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي، خىزمەتنى ئىنچىكىرەك، يەنىمۇ ئىنچىكىرەك ئىشلەپ، بىر قىسىم ئاجىز ھالقىلارنى ياخشى تولۇقلاپ، ياخشى ياخشىلاپ، تىرىشىپ بۇ قېتىمقى چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز» دېدى يۈەن دېڭچۈەن.

«ئىشەنچنى چىڭىتىش، قەلبنى ئىللىتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش»

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا كەلگەن ئەھۋالنى ئەسلەپ، ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىنىڭ خەلق ساقچىسى لى دېڭجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باش شۇجى ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولۇپ، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق. مەھەللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى، بىز داۋاملىق قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، مەھەللىنىڭ ھەر تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى 90 - يىللاردا تۇغۇلغان پىدائىي خۇاڭ يىڭ ئىزچىل مەھەللە ئاھالىلىرىگە ماددىي ئەشيا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىراش بولدى. «بۇ يەردە تۇغۇلۇپ، بۇ يەردە ئۆسكەن ۋۇخەنلىك ياش ئەلۋەتتە مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. باش شۇجىنىڭ يېتىپ كېلىشى مېنىڭ ئاخىرغىچە جەڭ قىلىش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى. مەن داۋاملىق مەھەللىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، پىدائىي مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشىمەن» دېدى خۇاڭ يىڭ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھېلىھەم بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، لېكىن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرمۇ ئوخشاشلا قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىلا. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىپ، رايونغا ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىشنى، تۈرگە ئايرىش، ۋاقىتقا ئايرىشنى، شارائىتى بارلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوزغىتىش كېرەك. بۇ ھەم خۇبېي، ۋۇخەنگە قويۇلغان تەلەپ، ھەم پۈتۈن مەملىكەتكە قويۇلغان تەلەپ.

جياڭسۇ ئوۋسەيكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى نەنجىڭدىكى بىرىنچى تۈركۈمدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارنىڭ بىرى. شىركەتنىڭ باش ئىنژېنېرى چېن شياڭفېڭ مۇنداق دېدى: پەقەت %20 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىلا ئېچىشتىن نۆۋەتتىكى پۈتۈنلەي دائىملىق ھالەتكە قايتقۇچە، كارخانا كۈچەپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تولۇقلىماقتا. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزدەك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارغا تىرىشىش نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى».

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ دېھقانچىلىقىنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خۇيزې ناھىيەسى داخەي يېزىسى شياۋجياڭ كەنتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تىرىشىپ بىرتۇتاش پىلانلىدى.

«باش شۇجىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى سۆزلىگەن سۆزى بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.» شياۋ جياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇ شۆبو مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز».

(مۇخبىرلار شى يۈسېن، ۋاڭ سىبېي، ۋاڭ پېڭ، لى يۈن، لى ۋېي، ۋاڭ شيەن، لې ۋېنۋەن، ۋاڭ جۈنلۇ، ۋۇ شيا، شېن رۇفا، ياڭ جىڭ، پېڭ يۈنجيا، شى مىن)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.