تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

[يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەرسخانىسى] كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسىنىڭ خىزمەتچىلەرگە بەرگەن ئالتە تۈرلۈك ساغلاملىق مۇداپىئەسى تەكلىپى

1. كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بارماسلىق، ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ گۇمانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، جۈملىدىن قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بارماسلىق كېرەك. ماسكا تاقاپ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

2. ئىشخانىدا يالغۇز ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر پىرىنسىپ جەھەتتە ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. بىر ئىشخانىدا كۆپ ئادەم بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئىشخانا مۇھىتى ئازادە، شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى، خىزمەتداشلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولغان ئەھۋالدا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. باشقا خىزمەت مۇھىتىدا ياكى خەۋپنى مۇقىملاشتۇرۇش ئامالسىز مۇھىتتا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك، ئادەتتە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا تاقاش كېرەك.

3. بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن چوقۇم قولنى يۇيۇش ياكى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتقاندا، چوقۇم ئاۋۋال قول يۇيۇش كېرەك.

4. مۇھىت تازىلىقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

5. ئاممىۋى بۇيۇملار ۋە ئامما كۆپ تېگىشىدىغان جايلارنى ۋە مۇشۇ جاي بىلەن كۆپ تېگىشىپ قالىدىغان قىسىمنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

6. لىفىتقا چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، ئامال بار پەلەمپەيدىن مېڭىش تەكلىپىنى بېرىمىز. لىفىتقا چىققاندا ماسكا تاقىۋېلىش، لېفىتنىڭ تېمىغا تېگىشىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، قول بىلەن كۆزىنى ئۇۋۇلاش، بۇرنىنى كوچىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئازايتىش كېرەك. لىفىت كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى