3-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا بىر تىجارەتچى تاۋارلىرىنى تىزماقتا. شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدىكى 1759 دۇكان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى.
3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قۇياش پارلاپ، ئىللىق باھار شامىلى يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتتى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى بىر دۇكان ئالدىدا، ساياھەت، يېمەك-ئىچمەك بىلوگى ئىگىسى توردا بىۋاسىتە تارقىتىش بىلەن ئالدىراش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قىش كېتىپ، باھار كەلدى، پولو، كاۋاپ، لەغمەن قاتارلىق بىزگە تونۇشلۇق بولغان شىنجاڭچە تەم يەنە قايتىپ كەلدى! مەن تور ئارقىلىق تورداشلار بىلەن چوڭ بازارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئورتاقلىشىمەن.»
كەررېفور تاللا بازىرى چوڭ بازار دۇكىنىغا كىرگەندە، مۇخبىر تاللا بازىرىغا كىرىش ئېغىزىدا مىكروب ئۆلتۈرۈش مەخسۇس خادىملىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش ھارۋىسى، مال سېتىۋېلىش سېۋەتلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھۈسەنجان يۈسۈپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چۈشتىن كېيىن سودىگەرلەرنى تەشكىللەپ، دۇكانلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، تازىلىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنگەن. چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى بويىدىكى بارلىق ئاشخانىلار (مۇز ئۆي ۋاقتىنچە ئېچىلمايدۇ)، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ مەززىلىك تائاملار مەيدانى، قۇرۇق مېۋە، مېۋە-چىۋە، كىيىم-كېچەك، دورا ماتېرىياللىرى، قاشتېشى قاتارلىق سودا دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسى تىجارەت باشلىغان.
ھۈسەنجان يۈسۈپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئالتە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كىرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر چوقۇم ماسكا تاقاپ، يول خېتى ئېلىپ يۈرۈپ 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ، بىر تۇتاش بىر قېتىملىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن مەنزىرە رايونىغا كىرىشى كېرەك. ماسكىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن ياكى ماسكىسى لاياقەتسىز كىشىلەرگە ۋاقىتلىق ماسكا تارقىتىپ بېرىلىدۇ، ئاشخانىلارغا كىرىپ تاماق يېيىش ۋاقتىنچە چەكلىنىدۇ، تاماق يېگۈچىلەر ئاشخانىغا بېرىپ ئېلىپ كېتىپ يېسە ياكى تور ئارقىلىق تاماق زاكاز قىلىپ ئۆيىگە ئەكەلدۈرۈپ يېسە بولىدۇ.