(1) لىفىت ساقلىغاندا ۋە لىفىتقا چىققاندا، پۈتۈن مۇساپىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقاش كېرەك.
(2) لىفىتقا چىققاندا، قىستا-قىستاڭ لىفىتقا چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، لىفىتقا بىللە چىققانلار بىلەن ئىمكانقەدەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك.
(3) لىفىت ساقلىغاندا ياكى لىفىتقا چىققاندا، ئەگەر باشقا لىفىت ساقلىغۇچىلاردا يۆتىلىش قاتارلىق گۇمانلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئامال بار بىللە لىفىتقا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
(4) يۆتەلگەندە قائىدە-يوسۇنغا دىققەت قىلىش، بىر قېتىملىق تازىلىق قەغىزى بىلەن ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋېلىش ھەمدە مۇۋاپىق جايغا تاشلىۋېتىش ياكى بېلەك بىلەن ئېغىز بۇرنىنى توسۇپ يۆتىلىش كېرەك.
(5) لىفىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقاندا، تازىلىق قەغىزى ياكى دېزىنفېكسىيە قەغىزى بىلەن بېسىش، قول بىلەن بىۋاسىتە بېسىشتىن ساقلىنىش ياكى قول بىلەن باسقاندىن كېيىن قولنى ۋاقتىدا يۇيۇش كېرەك.
(6) لىفىت ئىچىدە نەرسە يېمەسلىك كېرەك.
(7) لىفىتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى (ياكى سوپۇن) بىلەن قولنى ئېقىۋاتقان سۇدا يۇيۇش ياكى ئىسپىرتلىق قول دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش كېرەك.
(ماتېرىيال مەنبەسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ساغلاملىق تەربىيەسى قوللانمىسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى)
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى