تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ باغچىلار ئېچىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن): قارلار ئېرىپ، مەۋجۇداتلار جانلاندى، بۇنداق ياخشى ھاۋا سىرتقا چىقىپ ئايلىنىشقا بەك ماس كېلىدۇ. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ باغچىلار، مەيدان، سەيلىگاھلارنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى.

  «خۇڭسەن باغچىسىغا كەلمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ، بۈگۈن مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىققۇچە ھاسىراپ كەتتىم، كۆپرەك چېنىقسام بولغۇدەك، بۈگۈن ھاۋا بەك ياخشى، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، ئاپتوموبىللار، پىيادىلەر مېڭىۋاتقانلارنى كۆرۈپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئۈرۈمچى يەنە قايتىپ كەلگەندەك ھېسسياتتا بولدۇم» دېدى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 15دە شەھەر ئاھالىسى لى شىنچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  دوستلار دىققەت: ھەر قايسى باغچىلارغا كىرگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىتىش كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسى بىنورمال كىشلەرنىڭ باغچىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ ھەم ئۇلارغا مۇناسىپ مۇداپىئە تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ. ساياھەتچىلەر مەدەنىي ساياھەت ئەھدىنامىسىغا ئەمەل قىلىشى، ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان ماسكا تاقاپ، ئاڭلىق ھالدا باشقىلار بىلەن ئىككى مېتىردىن كۆپ ئارىلىق ساقلىشى، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، مەنزىرە رايونى خىزمەتچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى باغچا، مەيدان، سەيلىگاھلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، باغچىلارنى ئېچىۋېتىشكە ئالاقىدار مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى قىلىدىكەن. مەسىلەن، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت سورۇنى، مۇلازىمەت قورالى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەيدىكەن. رادىيودا ئاڭلىتىش، بەلگە تاختىسى قويۇش، خادىملار چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، باغچىغا كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باغچا سەيلىسى پائالىيىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، كىشىلەرنىڭ سەيلە پائالىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويىدىكەن. باغچىغا كىرىدىغان ئادەم سانىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ ۋە ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باغچىنى تارقاق ئايلىنىشى، تەرتىپلىك ساياھەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى