مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: 2012-يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى بېيتاشەن تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى 40 ئائىلىلىك چارۋىچى 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، چېگرا چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ۋۇجياچۈ شەھىرىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ 40 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
سايراش جۈمەباي ئائىلىسىنىڭ بېيتاشەن تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ۋۇجياچۈ شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگىنىگە سەككىز يىلدىن ئاشتى، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چاغدا، ئۇ بىر يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى، خوتۇنى ئائىلە ئايالى ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك چىقىمى ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ تاپقان پۇلىغا قاراشلىق ئىدى. كېيىن، 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، سايراش جۈمەباي بىر ئائىلە كىشىلىرى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ۋۇجياچۈ شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۆينىڭ يىللىق ئىجارىسى پەقەت 600 يۈەن ئىدى. سايراش جۈمەبايمۇ ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، شوپۇرلۇق مەكتىپىدە تىرېنېر بولدى. ئارقىدىن، ئۇ تېخى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە پاي قوشتى، ھەمدە ئايالىنىمۇ شوپۇرلىق مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى، شۇنداق قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.
ئوخشاشلا، ئالجارمۇ بېيتاشەن تېغى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ۋۇجياچۈ شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقانىدى، ئۇ توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپتى. ئالجار ناھايىتى تىرىشىپ خىزمەت قىلغاچقا، كىرىمى مۇقىم ۋە بىر قەدەر يۇقىرى بولدى، كېيىن ئۇ ئېرىنىمۇ زاۋۇتتا خىزمەت قىلىشقا تونۇشتۇردى، ھازىر ئەر-ئايال ئىككىيلەن بىر ئايدا 8000 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.
2016-يىلى، ئالجار بالىلىق بولدى، ئەر-خوتۇن رەنىلىك قەرز ئېلىپ شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋالدى. 2020-يىلى، ئالجارنىڭ تۇرمۇشقا نىسبەتەن يەنە يېڭى پىلان ۋە ئارزۇلىرى شەكىللەندى.
سېرشېنبېك بېيتاشەن تېغى چارۋىچىلىق مەيدانى ئورگىنىدىكى شەھەر-بازار باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇپ، بۇ يىللاردا ئۇ ئىزچىل ھالدا كۆچۈپ كەلگەن بۇ 40 ئائىلىلىك ئاممىغا ئالاقىدار مۇلازىمەتكە مەسئۇل بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدا بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولغان.