تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...

 باھارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ

  ئۈرۈمچى «ھاياتى كۈچ» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ

  ئاستا-ئاستا جانلاندى

  3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى قاتناشنىڭ ئەتىگەنلىك يۇقىرى پەللىسى.

  بۇ بىرقانچە كۈندە

  يوللاردىكى ئاپتوموبىل كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى

  3-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى قاتناشنىڭ ئەتىگەنلىك يۇقىرى پەللىسى.

  سودا ساراي، تاللا بازارلىرى

  كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار بىلەن توشۇپ كەتتى

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا، تاللا بازىرىنىڭ خىزمەتچىسى يېمەكلىك تەييارلىماقتا.

  3-ئاينىڭ 4-كۈنى، ياشلار يولى ياخشى يۇرت تاللا بازىرىدا، خىزمەتچى تاۋارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەكتە.

  بىر دۇكان، ئىككى دۇكان، ئۈچ، تۆت دۇكان

  كوچىدىكى دۇكانلار ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى

  ياخشىمۇسەن، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان سامسا

  مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

  كارخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

  ئىشقا بارىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تەدرىجىي كۆپەيدى

  ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا، كىشىلەر ئورۇن ئايرىپ تارقاق ئولتۇردى. (مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى)

  پۈتكۈل شەھەر

  كۆڭۈل قويۇپ «رەتكە سېلىندى»

  ۋۇيى يولىدىكى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى كوچا بويىدىكى دۇكانلارنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسى بويىدىكى دۇكان ئالدىدا، مەھەللە خىزمەتچىسى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېتنلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى

  بىز سىرتقا چىقىپ ئىستېمالنى باشلاپ، قايتىدىن تۇرمۇشقا كىرگىنىمىزدە

  ئىلگىرىكى ئەڭ ئادەتتىكى ئىشمۇ

  كىشىدە باشقىچە يېڭى تۇيغۇ پەيدا قىلدى

  ...

  ئۇلار نېمە دەيدۇ قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

↓↓↓

  ئەخمەت مەمەت

 «بەك خۇشال بولدۇم! ئىلگىرى كاۋاپ ئۆتكۈزۈشنى جاپالىق دەپ ئويلايتتىم، ھازىر ئويلىسام بەكلا بەختلىك ئىشكەن. بۇ قېتىمقى يۇقۇم مېنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمگە تۈرتكە بولدى» دېدى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، ئەتىگەن سائەت 8دىن باشلاپ شياۋما سەنلياڭ دۇكىنىدا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئەخمەت مەمەت.

  ھېكىم تۇرسۇن

  شىمىگۇ رايونى ئارىشاڭ غەربىي يولىغا جايلاشقان قۇۋۋەت نانلىرى دۇكىنىدا، ھېكىم تۇرسۇن سائەت 11دىن باشلاپ نان ياقتى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ناننىڭ مەززىلىك ھىدى دىماغقا ئۇرۇلدى. «ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن ئىككى تال ئارتۇق نان سېتىۋالدۇق، بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، قۇرۇپ  قېتىشسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ» دېدى بىر خېرىدار سۆزلىگەچ، ئۇ بىراقلا بەش نان سېتىۋالدى. ھېكىم مۇنداق دېدى: «تىجارەت باشلاندى، بەك خۇشال بولدۇم».

  يۈ جىگاڭ

  3-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىمىگۇ رايونى ئارىشاڭ غەربىي يولى شىمالىي 5-كوچىسىدا، 21 يىلدىن بۇيان بەش خىل مېتال دۇكىنى ئېچىۋاتقان يۈ جىگاڭنىڭ كەيپىياتى خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش ئوچۇق ئىدى، «كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان كونا خېرىدارلار كەلدى، دۇكاننى يەنە ئېچىۋالدىم، كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى» دېدى ئۇ.

  ما شياۋخۇا

  «دۇكاننى تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى خېرىدارنى كۈتۈۋالدىم» دېدى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چاڭچىڭ 2-ئەترىتىدىكى بىر ھۆسن تۈزەش، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ ياش خوجايىنى ما شياۋخۇا خېرىدارىنىڭ تىرنىقىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىغاچ. ئۇ مۇخبىرغا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇرمۇشتا ئالدىغا قاراش كېرەك، ۋىرۇسنى مەغلۇب قىلىش بىرىنچى قەدەم، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىككىنچى قەدەم».

  كۇڭ خۇي

  بىر سائەتتىن كۆپرەك ئۆچرەت ساقلىغان شەھەر ئاھالىسى سۈن ئەپەندىگە ئاخىرى چاچ ياسىتىش نۆۋىتى كەلدى. مەن سائەت 10:30دا دۇكاننى ئاچقاندىن سائەت 18گىچە توختىماي چاچ ياساۋاتىمەن، كەلگەنلەرنىڭ %95ى ئەر خېرىدار» دېدى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى نەنخۇ شەرقىي يولى جەنۇبىي 2-كوچىسىدىكى دۇكان خوجايىنى كۇڭ خۇي. ئۇ خېرىدارلارنى دۇكاندا ئۆچرەتتە تۇرغۇزماسلىق ئۈچۈن، نومۇر تارقاتتى، كىمگە نۆۋەت كەلسە شۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئۇقتۇردى، «سودا ياخشى بولسا، ئەلۋەتتە خۇشال بولىمىز» دېدى ئۇ.

  لى خۇا

  3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىخۇڭ شەرقىي يولىغا جايلاشقان قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدا، دۇكان خوجايىنى لى خۇا ئىشىك تۈۋىدە كوچىلارغا قاراپ تۇراتتى، «يېقىندىن بۇيان سىرتقا چىقىدىغانلار ئاز، شۇڭا كىيىم-كېچەك يۇغۇزىدىغانلارمۇ كۆپ ئەمەس، دۇكاننى ئاچالىغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، سىرتلارغا چىقىپ مېڭىپ، يوللاردىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرسەممۇ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ۋاڭ لەيشېڭ

  ۋاڭ لەيشېڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇپ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا بىر كىچىك دۇكان ئاچىدۇ. 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنى، ۋاڭ لەيشېڭ جازىلارنى ئەستايىدىل سۈرتۈپ\، يەرنى پاكىز تازىلىدى. «ئىسپىرت ۋە تېرمومېتىرنى تەييارلاپ، دۇكاننى ئاچساقمۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېدى ۋاڭ لەيشېڭ.

  لى گۇيمىن

  «لى گۇيمىننىڭ موما دۇكىنى ئېچىلىپتۇ!» 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، خۇڭسەن شەرقىي يولى شىمالىي 12-كوچىسىدىكى موما ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك تىجارىتى قىلىدىغان دۇكان ئېچىلىشى بىلەنلا، قوشنىلار بەس-بەستە كېلىپ سېتىۋالدى. كونا خېرىدارلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دۇكان خوجايىنى لى گۇيمىن ناھايىتى خۇشال بولدى، «ماسكا تاقىۋالغاچقا بەزىلەرنى تونۇيالماي قالدىم، لېكىن سالاملىشىپلا كىملىكىنى بىلدىم» دېدى ئۇ.

  ما لى

  3-ئاينىڭ 7-كۈنى قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدىدى، ياڭزىجياڭ يولىغا جايلاشقان يىپەك يولى شەرقتىكى راك قىيمىلىق جياۋزى دۇكىنى ئالدىدا، شەھەر ئاھالىلىرى قارغا قارىماي يېمەكلىك سېتىۋالدى. دۇكاندار خېرىدارلارغا چەبدەسلىك بىلەن تاماقلارنى ئوراپ قاچىلاپ بەردى. «قولاي بولۇشى ئۈچۈن، بىز قوشۇمچە يېمەكلىك پوكىيىنى كىرىش ئېغىزىغا يۆتكەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ يېمەكلىك سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتۇق» دېدى ما لى.

  جاۋ شىيىڭ

  «يەنىلا ئىشلىگەن ياخشىكەن، ئالدىراشچىلىققا كۆنۈپ قاپتىمەن، بىكار تۇرالمايمەن، ئىشقا كەلسەملا راھەتلىنىپ قالىدىكەنمەن، كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ بارا-بارا كۆپىيىۋاتقانلىقىغا قاراپ، بىزگە تونۇش ئاشۇ كۈنلەرنىڭ يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى گۇيجۇ يولىدىكى بىر ئىچ كىيىم دۇكىنىنىڭ مال ساتقۇچىسى جاۋ شىيىڭ.

  تونۇش كوچىلار

  تونۇش مەنزىرىلەر

  تونۇش يېمەكلىكلەر

  ...

  ئەلۋەتتە

  تۇرمۇش، خىزمەت تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتقان بولسىمۇ

  ئۈرۈمچى خەلقى ھوشيارلىقىنى يوقىتىپ قويمىدى

  ئۆچرەتتە تۇرغاندا ئاڭلىق ھالدا بىر مېتىردىن ئارىلىق ساقلىدى

  مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

  تونۇش بولغان ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى

  مەنبەسى: ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى(رادىيو-تېلېۋىزىيە گۇرۇھى)

  بىز ياخشى كۆرىدىغان

  بۇ شەھەر جانلىنىۋاتىدۇ

  بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى