تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ھالەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جاسارەت بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ھالەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جاسارەت بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

3- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى، يېزىلارنىڭ ئېتىز باشلىرىغىچە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو سانجى شەھىرىنىڭ دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى پارنىكتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىيلىكى، تەننەرخ، پايدا ئەھۋالىنى سورىماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى، يېزىلارنىڭ ئېتىز باشلىرىغىچە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىدەك ياخشى ھالەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، مۇمكىنقەدەر تېز ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىزغا كىرىپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

سانجى يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى %80تىن كۆپرەك ئەسلىگە كەلدى. يىپ ئېگىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئىشچىلار تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. چېن چۈەنگو سېخقا كىرىپ، كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىغا قايتقاندىن كېيىنكى شەخسىي مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» توشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خادىملارنى ئىش ئورنىغا تەرتىپلىك، تەشكىللىك قايتۇرۇپ كېلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېزدىن ئومۇميۈزلۈك مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

سانجى شەھىرىدىكى مۇھىت تازىلىقى ئىشلەمچىلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نۇرغۇن نامرات ئاھالە بار، چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇلارنى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كارخانىلاردا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىم، زور تۈرلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن تەشكىللەپ ۋە ئىشلىتىپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، نامرات نوپۇسلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

سانجى شەھىرىنىڭ دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدىكى پارنىكلاردا شوخلا، خاڭگا، جۈسەي قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. كەنت ئاھالىلىرى كۆنەكسىمان تاختىدا مايسا يېتىشتۈرۈش ۋە ئېتىز پەرۋىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى. چېن چۈەنگو پارنىكقا كىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىيلىكى، تەننەرخ، پايدا ئەھۋالىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا سىجىل يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توغرا تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ، رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمغا بولغان ھوشيارلىقنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى تۆۋەنلەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىرتتىن كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ، مەنبەسى، كىرىش ئېغىزى ۋە ئۆز جايىدا باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا كەلگەن، شىنجاڭغا قايتقان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ قايتا يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى يانداشتۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالنى قايتا تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ مۇھىم، زور تۈرلەر ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى تىرىشىپ كېڭەيتىش؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سىجىل كۈچەپ، «كۆك - تاق»، «ئاشلىق»نى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش؛ كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى تەڭ باشقۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ساقلانما مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىنى كېڭەيتىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىم، ئىزچىل بولۇشىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتا دېھقانچىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرىنى تەڭشەپ تەقسىم قىلىش، تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قىلچە بوشاشماي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.