تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاغانتوقاي ناھىيەسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر لى مىڭشىڭ، ياڭ جۇڭباۋ خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك بازىرى تيەنشۈي تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى زاۋۇتىنىڭ ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشتى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا قايتتى، ئىشچىلار ماسكا تاقاپ، ئۆزئارا بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى بويىچە، زاۋۇتىمىز 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر زاۋۇتقا كىرگەندىن كېيىن سىرتقا چىقسا بولمايدۇ، ئىككى ئادەم بىر ياتاقتا ياتىدۇ، ھەر كۈنى بىر قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىدۇ؛ زاۋۇتتا ھەر كۈنى زاۋۇت رايونى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياتىقى، ئاشخانا ئىككى قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھەممە ئىش نورمال» دېدى تيەنشۈي تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ چېڭجۈن.

  ۋاڭ چېڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىدىن 10 مىڭ توم ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدۇق، بۇنداق بولغاندا بۇلتۇرقى 3000 تومدىن ئاشىدىغان ئامبار زاپىسىنى چىقىرۋەتكەندە، يەنە 6000 تومدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىز 80 نەچچە تومدىن ئاشىدۇ، مەھسۇلاتنىڭ نورمال تەمىنلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق مەزگىلىگە تەسىر يەتكۈزمەيمىز.

    ئالتۇن ئېمىل يېزىسىدىكى يۈرۈن سۇ تېجەش سايمانلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلارنىڭ ماسكا تاقاپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. شىركەت مەسئۇلى ۋاڭ جىۋېي مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر 24 سائەت ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز، چاغاندىن ئىلگىرى ئىشلەپچىقارغاننى قوشقاندا، ھازىر جەمئىي 4500 تومدىن ئارتۇق مەھسۇلات بار. ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىز 9000 تومدىن ئېشىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايمىز».

  ھەركۈنى ئىش باشلاشتىن بۇرۇن، شىركەت يەنە ئىشچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ.

  ھازىر چاغانتوقاي ناھىيەسى بىر قولىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى، يەنە بىر قولىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىر تۇتاش تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى