سانجى گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياۋ دۇڭيۈن خەۋىرى): 3-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، لىق ئۇن بېسىلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ «ئېغىر مۇھەببەت» جەمئىي 50 توننا، قىممىتى تەخمىنەن 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇ سانجى ئوبلاستلىق ئاشلىق-ياغ سېتىۋېلىش-سېتىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سانجى ئاشلىق گۇرۇھى دېيىلدى)نىڭ ۋۇخەن خەلقىگە ئەۋەتكەن ئىللىقلىقى ئىدى.
ۋۇخەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سانجى ئاشلىق گۇرۇھى ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ «ۋۇخەن خەلقىگە مۇلازىمەت قىلىپ كارخانا ئوبرازى تىكلەش» ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتەك ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى 50 توننا مېھىر-شەپقەت ئۇنىنى ۋۇخەنگە يەتكۈزۈشكە ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋۇخەن خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلاپ، ھازىرغىچە جەمئىي 12 مىڭ توننا ئۇن ئىشلەپچىقىرىپ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى-سانجى ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۇن ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلەتكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ 50 توننا ئۇن قومۇل ۋوگزالىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن تۆمۈريول ئارقىلىق ۋۇخەن شەھىرىگە توشۇلۇپ، تەخمىنەن 5-6 كۈندە ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلىدىكەن.