ئاپتونوم رايون «پىكىر» تارقاتتى
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايون «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئالاھىدە مەزگىلدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملىدى، تولۇق پۇختىلىدى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تېگى - تەكتىنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەھەللە، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىغا تولۇق تايىنىپ، تېلېفون، ئۈندىدار، ئىشىك ئالدىغا بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتلىرى، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، ئېغىر كېسەللەر، ئېغىر مېيىپ كىشىلەر، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار، «ئۆيىدە قالغان ئۈچ خىل» كىشىلەر، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ياشانغان تۇغقانلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە رەتكە تۇرغۇزۇپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار - يوقلۇقى، يۇقۇملانغان - يۇقۇملانمىغانلىقى ياكى ئايرىۋېتىلگەن - ئايرىۋېتىلمىگەنلىكى، زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىلغان - قوللىنىلمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، تولۇق قاپلاش، چۈشۈرۈپ قويماسلىققا تىرىشىپ، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
«پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، شەھەر - بازارلاردا ۋاقىتلىق ئەڭ تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىنى تۈزۈش، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش، مال باھا ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى مۇۋاپىق پەيتتە قوزغىتىش، تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ۋە ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ياشانغان تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن قارىغۇچىسىز قالغان بالىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى قوغداش، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.