تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

قەتئىي ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇم ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، ئاساسلىق زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بۇ مەيدان چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.

بىرىنچى، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قىسمەن تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرەك؛ نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، قارىغۇ رايون قالدۇرماسلىق، ئاق قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەۋەلىك، تارماق، ئورۇن، شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يول، پورت، مەھەللە، يېزا - كەنتنى باشقۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشى ۋە تاسادىپىي توپلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئاكتىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنى يەنىمۇ پۇختىلاش، كېڭەيتىش كېرەك؛ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىلىرىنى تەڭ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسىنى يەكۈنلەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى سىجىل دەل جايىدا، پۇختا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئايلىنىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا بولغان تەسىرىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك؛ كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە دەل جايىدا، پۇختا، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تارقىلىشى، يامرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن قىيىنچىلىقنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە سىياسەتنىڭ پايدىسىنى تەرەققىيات ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي، ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە كەنتكىچە، ئائىلىلەرگىچە تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېتىز - ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى ۋە ھايۋانات كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇلنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىجىل كۈچ توپلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان - ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش، يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش باشلامچى كارخانىلىرى ۋە نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە قەتئىي تاماملاش كېرەك.

تۆتىنچى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە ئالدىن كۆرەرلىك ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە ئەسلىھەلىرى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئەشيا زاپاس ساقلاش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن كۆزىتىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سىجىل زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ قوللىنىشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، ھازىر بار بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى تولۇق قېزىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش كېرەك؛ «ئاشلىق» «كۆك - تاق»نى ساقلاپ، ياخشى ساقلاپ، توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسلىق، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئالتىنچى، مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ، تەرتىپلىك ھالدا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، سودا بىناسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى قاتارلىق جايلاردا مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئولتۇراق مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىشتەك ناچار ئادەتنى قەتئىي تۈگىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

يەتتىنچى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى سىجىل قوغداش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋاقتىدا تۈگىتىپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاش كېرەك.

سەككىزىنچى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى سىجىل چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى كېرەك؛ كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جۈرئەتلىك بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم بىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.