تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇش كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسى چۇمپاق بازىرى نورچوققا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا كۈزگى بۇغداينى ئوغۇتلىماقتا.

(تۇرسۇن ئوسمان فوتوسى)

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسى ئارۇنچۈ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ يىجېڭ ئۆزىنىڭ لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا ئۇرۇق تاللاپ، دانىلاپ ئۇرۇق سېلىپ، توپا يېپىپ، مايسا تەخسىلىرىنى رەتلىك تىزىۋاتاتتى؛ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى قارىمان كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا ئەتىيازلىق سۇغىرىش پىدائىيلىرى كىچىك ئەترىتى بۇغدايلىقنى سۇغىرىۋاتاتتى؛ دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى چىلىباۋ كەنتىدىكى شاڭنۇڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئامبىرىدا، ئورىيا، ئاممونىي دى فوسفات، بىرىكمە ئوغۇت قاتارلىقلار رەتلىك قىلىپ بىر يەرگە تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان 3000 مودىن ئارتۇق يەرگە ئىشلىتىشكە تەييارلاپ قويۇلغانىدى...

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلار بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، بىر قولدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تۇتۇپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش» تەلىپىنى چۆرىدەپ، بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، بالدۇر تەدبىر قوللىنىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى، شىمالىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى.

بالدۇر پىلانلىنىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ يولى ئېچىلدى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى زىرائەت ئېڭىز ئورنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىقنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ فېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدىغان رايون ۋە يۇقىرى ھوسۇللۇق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق رايوننىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىپ، خەۋپ - خەتىرى بار پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئىككىلەمچى پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدىغان رايوننى تەڭشەپ كېمەيتتى. كېۋەز سورتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، پاختىچىلىق كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ھەم زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياڭيۇ پىششىقلاش، پەمىدۇر پىششىقلاش، پىگمېنتلىق لازا، قىزىلچا قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى داۋاملىق زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

فۇكاڭ شەھىرىنىڭ چىڭگۇەن بازىرى چېڭبېي كەنتى شەھەر ئەتراپى كەنتى بولۇپ، تېرىلغۇ يېرى ئاز ئىدى، بۇ كەنت ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پارنىك كۆكتات تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەرنىڭ كۆكتات تەمىناتىنى قاندۇردى، ھازىر پارنىكنى 41گە يەتكۈزدى. چىڭگۇەن بازىرىدا يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازارنىڭ پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكى زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 34 مىڭ 400 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كېيىن پىشىدىغان پەمىدۇر ۋەكىللىكىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمىلا 24 مىڭ 700 موغا يېتىدىكەن.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو خۇەيئەن مۇنداق تونۇشتۇردى: سانجى ئوبلاستى بۇ يىل «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش» پىكىر يولى بويىچە، يېزا ئىگىلىك ئىچكى تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، دېھقانلارنى زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

بالدۇر تەييارلىق كۆرۈلۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ پۇختا قىلىندى

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتتى.

2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، چوڭ ئۆستەڭدىن ئېقىپ كەلگەن سۇ قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىدىكى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ كىرىش ئېغىزىدىن سۇ ئامبىرىغا ئېقىپ كىردى.

بوغاز يېزىسى يازلىق قوغۇن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 14 مىڭ 500 مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمى 11 مىڭ 500 مو، ئادەتتىكى سۇغىرىش كۆلىمى 3000 مو. سۇغىرىش مەزگىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە بولۇپ، يىللىق سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 8 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئېۋىرغول رايونلۇق سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ئەخمەت راخمان تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ سۇ ئامبىرىغا ھەر كۈنى كىرىدىغان سۇ مىقدارى سېكۇنتىغا 0.25 كۇب مېتىر بولۇپ، 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە زاپاس سۇ مىقدارىنىڭ 1 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇنىڭغا ئامباردىكى 1 مىليون 90 مىڭ كۇب مېتىر سۇنى قوشقاندا، بوغاز يېزىسىنىڭ ئېتىزلارنى تېرىشتىن بۇرۇنقى ئوسا قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ».

«مايسا ئېتىزىنى ياخشى رەتلەپ، يەرنى چوقۇم تۈزلەپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق توپىسى ياتقۇزۇش كېرەك...» كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسى تۆۋەن ئەگلە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەتتۇرسۇن ھوشۇرنىڭ پارنىكىدا ماسكا تاقىۋالغان كەنت ئاھالىلىرى تېخنىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەبدەرگۈل تېرىۋاتاتتى.

مەتتۇرسۇن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، كەنت مەخسۇس تېخنىك تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا سەبدەرگۈل تېرىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، تېخنىك ئۆگەتكەن ئۇسۇل بويىچە تېرىغاچقا سەبدەرگۈلنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولدى.

«بۇ يىل قىش ئىللىق بولغاچقا، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى كۆپ كۆرۈلدى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئېتىز - ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيە بۇ يىل 750 مىڭ مو يەردە تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپلىق ئوغۇتلاشنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جۇ چىڭفېڭ.

سانجى ئوبلاستىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئائىلىلىرى توردا زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىش شەكلى ئارقىلىق، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك 600 دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمىنىنى يېڭىدىن سېتىۋالدى؛ ھازىر تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمىنى 11 مىڭ قېتىم تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىندى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىدۇ.

بالدۇر تەدبىر قوللىنىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ باشلامچى كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى، پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنى يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىگە كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ پايدىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

«بۇ يىل بىز چۈشۈرگەن زاكاز مىقدارى 6600 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم، قوغۇن، چىلان، كۆكتات قاتارلىق كۆپ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەيلى زاكاز مىقدارى جەھەتتە بولسۇن ياكى تۈر جەھەتتە بولسۇن ھەممىسى سەل ئاشتى.» 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تۇرپان خوجوۋ مېۋىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چىن خاۋشۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: زاكاز قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت سۈپەت تەكشۈرۈش - ئۆلچەش تارمىقى تەسىس قىلىپ، سورت تاللاشتىن ئۆستۈرۈشكىچە، يەنە پەرۋىش قىلىشقىچە پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ، خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سورت دەرىجىسىنى ياخشىسىنىڭ ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ، خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. بۇلتۇر، بۇ شىركەت تەخمىنەن 70 توننا قوغۇن، 30 توننا ئۈزۈم ساتقان بولۇپ، بۇ يىل مېۋە - چېۋە، كۆكتات سېتىش مىقدارىنىڭ 3000 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلىنىپتۇ.

«كۆپچىلىك ھەممىڭلار ئۈندىداردا بارمۇ؟ جاۋاب قايتۇرۇۋېتىڭلار، بۈگۈن مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار» دېدى 2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سەھەردە، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجيېگوۋ بازىرى ياۋجەنزى كەنتى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنىڭ ئۈندىدار توپىدا كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ياۋجەنزى كەنتى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى تاڭ پېيكې. شۇ كۈنى كوپىراتىپ ئەزالىرى ئۈندىدار توپىدا يەر ئوبوروتى بويىچە پاي قوشۇپ تىجارەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلدى.

تاڭ پېيكې مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2016 - يىلى قۇرۇلغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېرى ئوبوروت قىلىپ پاي قوشۇش شەكلى ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرتۇتاش تىجارەت قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش سورت تاللاش، بىرتۇتاش تېرىش، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش يىغىش، بىرتۇتاش سېتىش ۋە پايغا قاراپ پايدا تەقسىملەش تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئاساسلىقى ئورگانىك بۇغداي تېرىشنى ئاساس قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنتلەرنىڭ 140 مىڭ مو يېرىنى ئوبوروت قىلدى، كوپىراتىپقا كىرگەن ئەزا 335 ئائىلىگە يەتتى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇن زاۋۇتى ۋە كەسمە چۆپ زاۋۇتى قۇرۇپ، تاشتۈگمەن ئۇنى ۋە ئورگانىك كەسمە چۆپ پىششىقلاپ ئىشلىدى. چاغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى سودىگەرلەر بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش زاكاز تالونىدىن 100 نەچچىنى ئىمزالىدى، قىممىتى 20 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

يېقىنقى ئىككى كۈندە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى جولتۇسكەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ چىڭجېڭ ئۆيىگە خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇۋاتاتتى، يېقىندا ئۇ سېتىش كارخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 200 مولۇق ئاپتاپپەرەس زاكاز توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ بىرنەچچە كۈندە يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرىنى غەملەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «10 - ئايدا سېتىش شىركىتى كېلىپ ئاپتاپپەرەسنى بىرتۇتاش سېتىۋالىدۇ، بۇلتۇرقى باھا بويىچە ھېسابلىغاندا 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇللۇق يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جاڭ چىڭجېڭ.

(مۇخبىر رايىدە، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يى، گې يوۋجۈن، جاڭ جىلى، دۇ جيەنخۇي، پەرىزات ئابدۇل، جاڭ تىڭ، جاڭ رۈيلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى