تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا قىلغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللىدى. 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگە قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 398 مىڭ 400 پارتىيە ئەزاسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى. نۆۋەتتە، ئىئانە توپلاش پائالىيىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىئانە پۇل ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلاردىن ھال سوراشقا ئىشلىتىلىدىكەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئامما ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئاممىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىكەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە قۇربان بولغان كادىرلار، ئاممىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلاردىن ھال سورىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى