سانجى گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ چېڭشيۇ، تاۋ يانەن خەۋىرى): ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى مەزگىلى، قۇتۇبى ناھىيەسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
2-ئاينىڭ 24-كۈنى ھاۋا ئىللىق ئىدى، دېھقان لى شۆفېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى رېمونت قىلىشقا باشلىدى. ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇ بۇ ئىشنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە قىلغان، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجى بىلەن، كۆپچىلىك ئۆز ئۆيىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى رېمونت قىلدى. گەرچە كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئىشلىگەندەك كۆڭۈللۈك بولمىسىمۇ، لېكىن رېمونت قىلىش ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، لى شۆفېڭ ناھايىتى تېزلا رېمونت قىلىش ئىشىنى تاماملىدى.
لى شۆفېڭ ئېيتقان رېمونت قىلىش ئەترىتى مېڭ جىگاڭ، جاڭ دېڭدى قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللىگەن ئىدى.
بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن يەن گۇاڭشى خوتۇنى بىلەن ئۆيىدە ئىدى، ئوغلى ناھىيە بازىرىدا تۇرىدىغان بولغاچقا قايتىپ كېلەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى رېمونت قىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى. دېھقانچىلىق مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، يەن گۇاڭشى سەل جىددىيلىشىپ قالدى. مېڭ جىگاڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كېلىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى رېمونت قىلىشقا ياردەملەشتى، بۇنىڭدىن يەن گۇاڭشى ناھايىتى تەسىرلەندى. مېڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك».