تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

فۇكاڭ شەھىرىدە «ئائىلە دەرسخانىسى» يولغا قويۇلدى، ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە تەتىل ئۆتكۈزدى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ لىفاڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10:00دا، فۇكاڭ شەھىرى جيۇيۈنجيې بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1-يىللىق 3-،4- سىنىپلىرىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ماۋ جيەنيىڭ دىڭ دىڭ(钉钉) يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلە تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرۇپ، توردا ئوقۇتۇشنى سىناپ باقتى.

  فۇكاڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇپ، توردا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، جيۇيۈنجيې بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئالاقە تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ «ئائىلە دەرسخانىسى» قۇرۇپ، «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق، ئۆگىنىشنى كېچىكتۈرمەسلىك»كە كاپالەتلىك قىلىپ، مەكتەپتىكى 1000غا يېقىن ئوقۇغۇچىنى «ئۆيىدە دەرس ئاڭلاش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى كومپيۇتېر، يان تېلېفوندا دىڭ دىڭ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق دەرس ئۆتكەندە، ئوقۇتۇش بىلىم نۇقتىلىرىنى مىكرو سن فىلىمى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «يۈزتۇرا» ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ؛ دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلار يەنە دىڭ دىڭ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان تەشكىللىيەلەيدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، ئالى «ئۆيدە دەرس ئاڭلاش» پىلانى ئېلىمىزدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، 12 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس ئۆگىنىشىگە ياردەم بەرگەن.

  ماۋ جيەنيىڭ مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «مەنمۇ بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن سىناق قىلدىم، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ئۆگىنىشكە دەخلى يەتمەيدىغان ئىمكانىيەت ياراتتىم».

  ئوقۇغۇچى لى جېڭئەننىڭ ئاتا-ئانىسى مۇئەللىمگە قالدۇرغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «‹ئۆيدە دەرس ئاڭلاش› ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بالىمىز ئويۇنقېپى بولمايدىغان، كىتاب ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولدى. رەھمەت مۇئەللىم!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بىزگە تونۇش ئۈرۈمچى قايتىپ كەلدى...
  • توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش
  • خوتەندىكى كەچلىك بازارلار ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى