شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى رايونغا، دەرىجىگە ئايرىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يىلىدا يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، شىنجاڭ «تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلىي يەتكۈزمەي، ئەتىيارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ.)
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار دېھقان ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە يېتەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېتىز پەرۋىشىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ ھەرقايسى جايلار ئىلمىي، بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش، بولۇپمۇ ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇلازىمىتىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.